ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ بۇ يىلقى رامىزانلىق سىياسىتى ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى رامزاندا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ 2015-يىلىدىكىدىن پەرقى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ قاتتىقلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئەركىن ھالدا بۇ يىلقى رامىزاننىمۇ ئىمكانلىرى يار بەرگەن دائىرىدە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە تېرىشماقتا. روزا، كوللېكتىپ ئىپتار پائالىيەتلىرى، تاراۋى نامازلىرى بىلەن مۇقەددەس دىنىي بۇرچلىرىنى ئازادە ئادا قىلىشماقتا. جۈملىدىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ھەر ھەپتىدە 2 كۈن ئوپچە ئىپتار سورۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇبارەك رامىزاننىڭ شەرىپى كۆتۈرۈلمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتتە باشقىچە بىر سىياسىي كىلىمات ھۆكۈم سۈرمەكتە.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ يىلقى رامىزاندىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا روزا تۇتۇشنى چەكلەش، تاراۋى نامازلىرىنى نازارەت قىلىش، ئاشخانىلارنى تاقاشقا يول قويماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇش، ئاھالىلەرنى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق ئەھدىنامىلىرىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى 2015-يىلىدىكىگە ئوخشاشلا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى 2-ئىيۇن كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابىدا، ئۇيغۇر ئىلىدا 24400 مەسچىت، 88 ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، 59 بۇتخانا، 227 خرىستىئان چېركاۋى، 26 كاتولىك ئىبادەتخانىسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ يەردىكى مىليونلىغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تولۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى» دا بايان قىلىنغان سەپسەتىلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنغاندا، خىتاينىڭ 2016-يىلىدىكى دىنىي سىياسىتىدە قانداقتۇر ئىجابىي بىر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۇچۇر مەنبەسى يوق.

بۇ خىل قاراشنى تەستىقلىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، خىتاينىڭ 2016-يىلى رامزاندا يۈرگۈزگەن دىنىي چەكلىمە سىياسىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ بەتتەر ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يا ئىمانىدىن كېچىشكە، يا جاندىن كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ر ف ئا نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ رامزاندا يۈرگۈزۈۋاتقان چەكلىمىلىرىنىڭ ھەر يىلقىغا ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشقان ئىدى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىممۇ خىتاي يولغا قويغان بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ يەنە بىر قاتار مۇقىمسىزلىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق دىنىي ئادەتلىرى ۋە ئېتىقادىغا قارىتا بىر-بىرىدىن بىمەنە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، رامزاندا ئاشخانىلارنى تاقاشقا يول قويماسلىقتەك بەلگىلىمىلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلدۈردى.

مەتبۇئاتلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار رامىزان باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مەيدان تۇتقۇن قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، تور ساھىبلىرى، يازارلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى قولغا ئېلىشنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى بايان قىلىشقان ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، مىسرانىم تورىنىڭ ساھىبى ئابابەكرى مۇختەر، تۇرسۇنجان مەمەت، باغداش تورىنىڭ ساھىبى ئەكبەرجان ئەسەد، بوزقىر بلوگىنىڭ ساھىبى ئۆمەرجان ھەسەن قاتارلىق 5 كىشى 3-ئاي بىلەن 5-ئاي ئارىلىقىدا قولغا ئېلىنغان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت 6-ئىيۇن خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا قەشقەر ۋە ئاقسۇ رايونلىرىدا رامىزانغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاز دېگەندە 17 ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر ئىلىدىن ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا بىنائەن، بۇ يىلمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش ۋە تۇتقۇنلارغا زۇلۇم قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئايرىپ تاشلاش، ئىقتىسادتىن ئايرىپ تاشلاشتەك تېخىمۇ ۋەھشىي بولغان بىر تۈزۈمنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ يىلقى رامزاندا بۇ خىل چەكلىمىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكىنى بايان قىلدى.

2015-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن بۇ خىل بېسىم سىياسىتى تۈركىيە ۋە ياۋروپادا قانچە ئونمىڭلىغان تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەپتىلەرچە نامايىش قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە، مەتبۇئاتلاردا خىتايغا قارشى چۇقانلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

بىراق، بۇ يىل د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەتبۇئاتتىكى تۈرلۈك نارازىلىق بايانلىرىدىن باشقا، خىتايغا قارشى ھازىرغا قەدەر خەلقئارادا ئۆتكەن يىلى كەبى كۆرۈنەرلىك بىر ھادىسە يۈز بەرمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت