مۇتەخەسسىسلەر: «ئاتالمىش ‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات› ئۇيغۇرلارنى تىنجىتالمايدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«تەرەققىيات» نامىدا چېقىپ تاشلانغان قەشقەردىن بىر كۆرۈنۈش
«تەرەققىيات» نامىدا چېقىپ تاشلانغان قەشقەردىن بىر كۆرۈنۈش
Reuters/Thomas Peter

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ قانداق يوسۇندا ھەل بولۇشى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاساسلىق يېتەكچى ئىدىيىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئىقتىسادىي تەرەققىيات» نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «تېررورچى» ۋە «بۆلگۈنچى» كۈچلەرنى يوقاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەسىلىسى ھەل بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قاراشتۇر.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي جەھەتتە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق يەرلىك خەلقلەرنى زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرگىلى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇققا باغلانغان مىللىي كىملىك چۈشەنچىسىنى ئاجىزلىتىپ، خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىقتىسادىي تەرەققىيات» نامىدا ئىجرا قىلىپ كەلگەن بىر قاتار تەدبىرلىرى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرىۋەتكەنلىكى مەلۇم. ئىسرائىلىيەدىكى «بېگىن سادات ئىستراتېگىيە مەركىزى» ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ماقالىدە دەل ئەنە شۇ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

مايكىل لاۋىد ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالىدا 1980-يىللاردىلا باشلانغان «شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» شوئارىنىڭ بۇ رايوندىكى غايەت زور مىقدارغا ئىگە يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى قېزىشتىن باشلانغانلىقى، بولۇپمۇ 2000-يىلى باشلانغان «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» شوئارىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بولسا 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىپ، بۇنىڭ «شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى تۈگىتىش» دەپ شەرھىلەنگەنلىكى ئېيتىلىدۇ. نۆۋەتتە بولسا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ شوئار «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نامىدا داۋاملىق غايەت زور ساندىكى مەبلەغ بىلەن باغلىنىپ تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ بىر قاتار شوئارلىرى ھەمدە ئۇنىڭغا ماس ھالدا سېلىنغان مەبلەغ بىلەن بىردىنلا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نۇقتىسىدىن كۆرۈنەرلىك «تەرەققىيات» قا ئېرىشكەن. ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ «تەرەققىيات» مەنزىرىسىنىڭ 80 پىرسەنتتىن ئارتۇقراقىنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئېغىر سانائەت ساھەسى تەشكىل قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئېغىر سانائەت ساھەسىنى خىتاي مەركىزىي ھاكىمىيىتى بىر قوللۇق كونتروللۇق قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارغا بۇ «تەرەققىيات» نىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتى پەقەتلا نېسىپ بولماي، ئۇلارنىڭ ئون-يىگىرمە يىل ئىلگىرىكى نامراتلىق ھالىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بارلىققا كەلمىگەن. 

ئاپتورنىڭ بۇ خىل خۇلاسىسىنى يەرلىك ئاھالە بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى تۇرمۇش تېمىسىدا بولغان سۆھبىتىمىزمۇ تەستىقلايدۇ. چاقىلىق ناھىيىسىدىن بىرەيلەن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ھازىر يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئەتىيازدىن يازغا ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئوزۇقلۇق ئاشلىق غېمىنى قانداق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقانلىقىنى، تەلىيى ئوڭ كەلگەنلەرنىڭ «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى» ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا قاراقاش ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىرلىكسەپ ئىشخانىسىدىكى كادىرلاردىن بىرى: «ھازىر دېھقانلارنىڭ قورساق غېمى تېخى تولۇق ھەل بولمىغان» دېگەن پىكىرلەر ھەققىدە سوئال سورىغىنىمىزدا «ھۆكۈمەت بۇ ئىشلارنى چوقۇم ھەل قىلىدۇ» دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىق ۋە ئاۋاتلىق بەرپا قىلىش» تا ئەزەلدىن مەسىلىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك نۇقتىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ كەلگەن ھەمدە ئاددىيلا قىلىپ مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى «تاشقى كۈچلەر» گە ئارتىپ قويغان. ئۇنىڭچە، مەسىلىنى بۇ يوسۇندا مۇھاكىمە قىلىش زادىلا چەك بېسىپ تۇرالمايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچىدىن بۇ ھالنى كىشىلەر ھەرقاچان ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى شىنجاڭ مەسىلىسى› دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. بۇ رايوننى ھەقىقەتەنمۇ تەرەققىي قىلمىغان بىر ماكان، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ جاينىڭ يەنە بىر پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي تەركىب جەھەتتە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇشىدۇر. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە قارىتىلغان سىياسەتلىرىگە قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ بەزى تەخمىنلەر ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنىڭ بىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىشقا قوزغىماقتا، دەپ قاراشتۇر. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى، شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئاندىن قالسا يېقىندىن بۇيان پەيدا بولۇۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىكى› نى قوللايدىغان دۇنياۋى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تورىدۇر.»

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر «ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇنى قىلچىمۇ ئىلمىيلىقى يوق، دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «تەرەققىي قىلمىغان رايون، دەيدىغان بۇ قاراش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلارنىڭ بىرى تولىمۇ گۇمانلىق. تەرەققىي قىلمىغان، دېگەنگە يەنە بۇ رايوندىكى مىللىي پەرق ۋە دىندارلىقنى قوشۇپ قويۇش، ‹تەرەققىيات› تەبىئىي يوسۇندا دۆلەتكە بولغان ساداقەت، دىندىن خالىيلىق قاتارلىقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، دەپ قاراش ئەمەلىيەتتە بەكمۇ كونا ۋە ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ‹زامانىۋىلىق› چۈشەنچىلىرىدۇر. بۇ چۈشەنچىلەردە ‹تەرەققىيات› سىتىخىيىلىك ھالدا مىللىي پەرق، مەدەنىيەت پەرقى، دىنىي پەرق دېگەنلەرنى يوق قىلالايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەمما بىز بۇنىڭغا پاكىت ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكى دۇنياغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق بۇنىڭ ئەمەلىيەتكە زادىلا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.»

ئۇ نۆۋەتتە «ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلسە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بىر يولىلا ھەل بولۇپ كېتىدۇ» دەيدىغان چۈشەنچىنىڭ باشقىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەچ، دۇنيا ھازىرقى زامان تارىخىدا مەغلۇپ بولىدىغانلىقى كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان بۇ قاراشلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئاقىۋەت بىلەن خارەكتېرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «تەرەققىيات ۋە ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس ھەققىدە گەپ بولغاندا ئالدى بىلەن ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئېغىر سانائەت بازىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشى، ئاندىن قالسا مەزكۇر رايوننى قوشنا دۆلەتلەردىكى ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرگە مۇشەررەپ قىلىش قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. نۆۋەتتە بۇ ھال ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نامىدا جىددىي ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. ئاخىرىدا بولسا جەمئىيەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ يېزا-قىشلاق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى زامانىۋىلىققا قانداق ئېلىپ كىرىش ھازىرمۇ ‹تەرەققىيات› دېگەن نام ئاستىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلار پۈتۈنلەي جەمئىيەتنى قايتىدىن قۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە مەسىلىگە بۇ يوسۇندا قاراش ئەمەلىيەتتە ئىشنى خېمىغا ياندۇرغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى بۇ قاراش 50-ۋە 70-يىللاردا بەكمۇ مودا بولغان زامانىۋىلىق چۈشەنچىسى بىلەن غايەت زور دەرىجىدە باغلىنىشلىق بولۇپ چىقىدۇ. دەرۋەقە بۇ قاراشلارنىڭ ئىچىدە ئازغىنە بىر قىسمى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى مەغلۇپ بولغان، خالاس.» 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەرەققىيات» نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېغىر سانائەت ۋە ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتچىلىك چۈشەنچىسى بارغانسېرى يۇقىرىلىماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەرەققىيات» ئارقىلىق «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى» نى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشى بەكمۇ گۇمانلىق، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت