لوندون ئىنستىتۇتىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار» تېمىلىق لېكسىيە دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«بەش پەرز» بېرىتانىيە مۇسۇلمانلىرى خەۋەر تورىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ھەمدە ئەل-جەزىرە قاتارلىق بىر قانچە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى دىللي ھۆسەيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق سۆزلىمەكتە.
«بەش پەرز» بېرىتانىيە مۇسۇلمانلىرى خەۋەر تورىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ھەمدە ئەل-جەزىرە قاتارلىق بىر قانچە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى دىللي ھۆسەيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق سۆزلىمەكتە.
Social Media

لوندون ئۇنىۋېرسىتېت ئىنستىتۇتى ئەنگلىيەدىكى 5 چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلار قاتارىدا بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارغا ھەر ھەپتە ئوخشىمىغان ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. 14- دېكابىر مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ھەپتىلىك ئىسلام تارىخىي لېكسىيە پروگراممىسى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار» تېمىسىغا ئورۇن بەرگەن بولۇپ، «ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان» نىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە لېكسىيە بەرگەن «بەش پەرز» بېرىتانىيە مۇسۇلمانلىرى خەۋەر تورىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ھەمدە ئەل-جەزىرە قاتارلىق بىر قانچە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى دىللي ھۆسەيىن، 50 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارغا بەرگەن بۇ لېكسىيەنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلىدى. ئۇ، «خىتاينىڭ شىنجاڭ دەپ ئاتىغان جايىدا ياشاۋاتقان 20 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار» دەپ تونۇشتۇردى ۋە بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىمنىڭ پەلەستىن، سۈرىيە، روھىنگا، ئىراق، ئافغانىستان ۋە باشقا جايلاردىكى زۇلۇم چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشاشلا ئېغىر بولسىمۇ، دۇنيا كۆز يۇمۇۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

لېكسىيەدە ئالدى بىلەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن ئابدۇگەنى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە دىنىي باستۇرۇشلار ھەققىدىكى ئىسپاتلىق تونۇشتۇرۇشىنىڭ سىن ئارخىپى ئاڭلىغۇچىلارغا كۆرسىتىلگەن. دىللي ھۆسەيىن لېكسىيەدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى تارىخىنى قەدىمكى، يېقىنقى ۋە ھازىرقىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە بۆلۈپ شەرھلەنگەن. ئۇ، لېكسىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى بۇ زېمىندا مەۋجۇت دىنلار ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان قاراخانىيلار دەۋرىگىچە شانلىق تارىخى ۋە مەدەنىيىتى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ يىلدىن بۇيان ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ياشاپ كەلگەنلىكى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بۇ جايدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكى بىلەن تەڭ دىنىي ئېتىقاد ھەق -ھوقۇقلىرىنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ تونۇشتۇرغان.

ئاپتور لېكسىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش تارىخىدىن باشقا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىدىن كېيىنكى مىللىي ئىنقىلاب دەۋرى ھەمدە ئۆتكەنكى ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققانلىقى ئەمما ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئەڭ يېقىنقى تارىختا قۇرغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت دەۋرلەردىكى ئىسلام دىنىي ئەقىدىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

لېكسىيەدە مەركەزلىك ھالدا خىتاي «شىنجاڭ» دەپ ئاتاۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقى بارغانچە ئېشىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتلەردىن باستۇرۇشنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېتىقادى پائالىيەتلىرىمۇ جىنايەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئېغىر جازاغا تارتىلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىنغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا خىتاي دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇتۇپ، ئەر ئاياللارنى تانسا ئوينىغۇزۇپ ھەتتا بەزى جايلاردا ھاراق ئىچىشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمە، ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغانلىقىنى سۆزلىگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاپ، خىتاينىڭ قىممەت قارىشىنى مەجبۇرىي تېڭىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

بولۇپمۇ خەلقئارا تېرورىزمغا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلانغان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا بولغان دىنىي باستۇرۇش سىياسەت قانۇنلىرىنى تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ باستۇرۇشلىرىنى قانۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىغا مىسال ئېلىپ، «بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قانچە تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان رادىكاللىقنىڭ ئىپادىلىرىنى يىگىرمە نەچچە تۈرگە بۆلگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا رادىكاللىقنىڭ 130 دىن ئارتۇق ئىپادىسىنى بېكىتىپ چىققان. بۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ قايسى دەرىجىدە كونتروللۇق ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن.

دىللي، لېكسىيەدە، ئۇيغۇرلار رېئاللىقىنىڭ پەقەتلا بىر ھېكايە ياكى ئاڭلاپ ئەپسۇسلىنىپلا قويىدىغان ياكى بىر دۇئا قىلىپ قويغان بىلەنلا ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس دەپ كۆرسىتىپ: «بىز بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تارىخىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادى سەۋەبلىك بۇ خىل ۋەزىيەتكە دۇچار بولغانلىقىنى، باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىمىز لازىم. ئىسلام ئادالەتنى ياقىلايدۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىككە قاراپ تۇرۇش، سۈكۈت قىلىش ئىسلام ئەقىدىسىگىمۇ خىلاپ، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ئاۋازسىز قالماسلىقىمىز كېرەك» دەپ خىتاب قىلغان.

لېكسىيەنىڭ سىن خاتىرىسى فەيسىبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ياخشى ئىنكاس ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە بولغان بەلگىلىك قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز لوندوندا ياشاۋاتقان دىللىي ھۆسەيىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

دىللي ھۆسەيىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنداق بىر تېمىدا، لېكسىيە سۆزلەشنى توغرا تاپقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى قىسقىچە چۈشەندۈردى.

دىللي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە گەرچە ئۆزى مۇسۇلمان بولسىمۇ، خۇددى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ئوخشاش، 20 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر مۇسۇلمان توپلۇقىنىڭ، خىتاينىڭ شىنجاڭ دېگەن يېرىدە ياشايدىغانلىقىدىن تېخى يېقىنقى 4، 5 يىلنىڭ ئالدىدا خەۋىرى بولغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆزىدە قىزىقىش قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە شۇندىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىماي ئىزدىنىپ ئۆگىنىپ كەلمەكتە ئىكەن.

دىللي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە؛ ئۇيغۇرلار بۈگۈن قانداق بىر ۋەزىيەتتە دېگەندە، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنماقتا، يوقاپ كەتمەكتە ۋە ئۆلتۈرۈشكە ئۇچرىماقتا. خىتاي بېسىۋالغان بۇ زېمىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەپ نام بېرىلگەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئىسلامدىن تەشۋىپلىنىش خائىشىدىكى سىياسەت داۋاملاشماقتا. خىتاينىڭ نوپۇس يۆتكەش سىياسەتلىرى بىلەن ئەسلى 80 پىرسەنت مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن بۇ زېمىندا خىتاي كۈچمەنلەر نوپۇسنىڭ يېرىمدىن كۆپىنى ئىگىلەيدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئېتىقادى سەۋەبلىك تەقىپكە ئۇچرىشى بارغانچە ئېغىرلىماقتا، ھىجاب ۋە ساقال چەكلەنگەن، روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن يېقىندا ھەتتا قۇرئاننى ئۆگىنىش ياكى تەبلىغ قىلىشمۇ جىنايەت سانىلىپ جازالىنىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. دىللي ئەپەندى بۇ ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنيادا ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان خەلقىنىڭكىگە ئوخشاش ئېغىر دېگەن قاراشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىللي ئەپەندى شۇنچە زور نوپۇسنى ئىگىلىگەن مۇسۇلمان خەلق ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ باشقىلار ئەمەس، ئۆزى بىلەن چېگرىلىنىدىغان مۇسۇلمان ئەللىرى تەرىپىدىنمۇ ئىنكار قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىلدىمكى شەرقىي تۈركىستان، پاكىستان، ئافغانىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكستاندەك ئىسلام ئەللىرى بىلەن چېگرالىنىدىكەن، لېكىن ئەپسۇسكى بۇلاردىن بىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىققىنى ياكى ئۇلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغىنى يوق. بولۇپمۇ پاكىستاندەك ئىسلام ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقى سەۋەبلىك، ئىسلامىي دۆلەت بولۇش قىممەت قارىشىغا خىلاپ ھالدا، بۇ مەسىلىگە كۆز يۇمۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن ئاۋازسىز، ياردەمسىز قېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ، دۇنيانىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتىش لازىم دەپ قارىدىم. ئەلۋەتتە خىتايلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاش مۇھىم، پەيشەنبە كۈنىدىكى لېكسىيەگە ئەنگلىيە، پاكىستان ھىندىستان ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىسلامنى تەتقىق قىلىۋاتقان قىزىققۇچىلار قاتناشقان بولسىمۇ، ئەپسۇس لېكسىيەگە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى كۆرمىدىم، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇرمىلانغان ئۇچۇرلىرىدىن باشقا توغرا مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس خىتايلارمۇ بۇ لېكسىيەنى ئاڭلىغان بولسا دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم.»

دىللي ھۆسەيىن ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ «بۇ مەسىلىنىڭ جەريانى ياكى سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويۇپشلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئاڭلىتىش يوللىرى ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت