پروفېسسور پىي : شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئالدىدا نېمە ئۈچۈن ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى»دا ئىېلان قىلىنغان ماقالە
ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى»دا ئىېلان قىلىنغان ماقالە
RFA/Haji Qutluq Qadiri


ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى»نىڭ مارت ئېيىنىڭ ئىككىنچى سانىدا ئامېرىكا كلارېمونت ماكېننا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور پىي مىنشىننىڭ «جۇڭگونىڭ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشىنىڭ مەنىسى بارمۇ؟» سەرلەۋھىلىك سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل كۈزدە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش سەپىرى ئالدىدا، ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ تيەنئەنمېندە غايەت زور ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا يېقىندا جۇڭگو تەرەپنىڭ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پروفېسسور پىي مىنشىن ماقالىسىدە مەزكۇر ھەربىي پاراتنىڭ ياپونغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ قوشنا ئەللەرگە ۋە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسسى پىي مىنشىن ماقالىسىدە، ھازىرچە جۇڭگو ھوكۇمىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بۇ ھەربىي پاراتقا نىسبەتەن خەلقئارادىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوخشىمىغان قىياسلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگوغا قوشنا بولغان ئەللەرنىڭ دىققىتى قوزغالغانلىقىنى ۋە ياپونىيەدەك خىتاينىڭ رەقىبى ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بەكرەك بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پروفېسسور پىي مىنشىننىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ ھەربىي پارات راستىنلا ياپونىيەگە قارىتىلغان غەرەزلىك ھەرىكەت بولسا، ئۇ چاغدا كۈندىن - كۈنگە سوۋۇۋاتقان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىللىشىدىن ئۈمىد يوق ئىكەن.

«ھەپتىلىك خەۋەر ژۇرنىلى»نىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ھەيۋەتلىك پاراتتىن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تانكا، ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى كۆز - كۆز قىلسا، ئەلۋەتتە بۇ خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن بىر تەھدىت ھېسابلىنىدىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارادىكى جۇڭگو ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى ھازىرغىچە دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلغار ھەربىي قوراللىرىنى ئاشكارىلاپ، قوشنا ئەللەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويدى دەپ قارايدىكەن.

جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىلدىكى غايەت زور ھەربىي پاراتلارغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماۋ زېدۇڭ زامانىسىدا يەنى 1949 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە جۇڭگودا جەمىي 11 قېتىم زور ھەربىي پارات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ پاراتلارنىڭ مەقسىتى پۈتۈنلەي ئۆزى - ئۆزىدىن ئەنسىرەپ قالغان جۇڭگو كومپارتىيەسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ كومپارتىيەنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ھەيۋە قىلىش دەپ قارىلىدىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، جۇڭگودا ماۋ زېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن بۇ خىلدىكى زور ھەربىي پارات پەقەتلا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،دەسلەپكىسى 1984 - يىلى دىڭ شاۋپىڭ جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىدا، جياڭ زېمىن 1999 - يىلى 50 يىللىقىدا، خۇ جىنتاۋ 2009 - يىلى 60 يىللىقىنى خاتىرىلىگەندە ئېلىپ بېرىلغان.

ئاپتور ماقالىدە، ماۋ زېدۇڭدىن كېيىن بۇ خىلدىكى ھەربىي پاراتنىڭ قېتىم سانى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما دىڭ شاۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار قىزىل بايراق تاقالغان ئۈستى ئوچۇق پىكاپتا تىك تۇرۇپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئۆز ئەسكەرىي كۈچى بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى، تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى نۆۋىتىنىڭ ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭغا كەلگەنلىكىنى، شۇڭا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن شى جىنپىڭ جۇڭگو تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

پروفېسسور پىي مىنشىننىڭ بايان قىلىشىچە، جۇڭگو تەرەپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتنىڭ، جۇڭگونىڭ تاشقى دىپلوماتىيەسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياپونىيەنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويۇش ئېھتماللىقى زور ئىكەن.

ماقالىدە، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلىرى ھەمىشە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىزو ئابېنى مىللىتارىست قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنى تەنقىد قىلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتقا ئابې ھەرگىز تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئەگەر بېيجىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى تەكلىپ قىلسا، ئوباما ھەرگىز ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ياپونىيەگە قارشى بۇ خىلدىكى ھەربىي پاراتقا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا غەرب ئەللىرىنىڭ رەقىبى بولغان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ بېيجىڭدىكى ھەربىي پاراتقا چوقۇم قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىي مىنشىن ماقالىسىدە بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتىن كېيىنلا شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئاقساراي تەرىپىدىن سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات شى جىنپىڭ ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر پارتىيەلىك جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ھەربىي ھەرىكەت جۇڭگونىڭ تاشقى دىپلوماتىيەسىگە نىسبەتەن تولىمۇ خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ماقالىدە ئاپتور ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرقى «جۇڭگو بىلەن ھەقىقىي دوست بولغىلى بولمايدۇ» دېگەن قىسمىدا، جۇڭگو - ياپون مۇناسىۋەتلىرگە باھا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا:«يېقىندىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ جىددىي. بەلكىم بۇ جىددىيلىك پەسىيىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىر - بىرىنى ئەيىبلەشنى توختىتىشى، ئۆزلىرىنى تۇتىۋالغان ھالدا ئىش كۆرۈشى، ئەتىراپتىكى قوشنا ئەللەرنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ ئىككى دۆلەتنى ياراشتۇرۇپ قويۇشىغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك. ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

بىز، شى جىنپىڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا سەپىرى ئالدىدا تيەنئەنمېندە ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ياپونىيەلىك خىتاي ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يامادا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يامادا بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرى ھەققىدە يېقىندا بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىدا كۆپلىگەن ھەر ساھە ئەربابلىرى بىلەن كەڭ - كۇشادە سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەلۋەتتە ئاقساراي شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان نوپۇزلۇق كىشىلەر شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئالدى بىلەن جۇڭگودىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئاساسىي تىما بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بولۇپمۇ، تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى. ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر. شۇڭا شى جىنپىڭ، بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئالدى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاقسارايغا ھەيۋە قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرما جەھەتتىكى سۆھبەتكە يۆتكەش، ئامېرىكا تەرەپنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن سۆز ئاچقۇزماسلىقنى مەقسەت قىلغان دەپ ئويلايمەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت