مۇلاھىزە؛ خۇ ياۋباڭنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولدى؟ (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2015-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خۇ ياۋباڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلار بىلەن. 1985-يىل ئىيۇل.
خۇ ياۋباڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلار بىلەن. 1985-يىل ئىيۇل.
RFA/Azad Qasim

يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي مەتبۇئاتلىرى 1989-يىلى قازا قىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى دۆلەت تەرىپىدىن داغدۇغىلىق خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تارقاتتى.

خۇ ياۋباڭ خىتاي ۋە چەتئەلدىكى سىياسىي ئانالىزچىلار تەرىپىدىن كومپارتىيە تارىخىدىكى بىر قەدەر دېموكراتىيىگە مايىل بولغان رەھبەر دەپ قارىلىدۇ.

ئۇ 1980-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن سىياسىي ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ھەمدە ئاپتونومىيىلىك رايونلار مەسىلىسىدە بىر قەدەر ئاقىلانە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئۆكتىچى زىيالىيلاردىن لى يۈنفېى «بۈگۈنكى خىتاي» تورىدا ئېلان قىلىنغان «خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«ئۇيغۇر ئېلى مەسىلىسى تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ رەزىل سىياسىي مەقسەتلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. بىراق 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ زېمىنغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ يوق قىلىش غەرىزىدە كۆچمەن يۆتكەش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ‹ئاپتونومىيە› ھوقۇقىغا ئۆزگەرتىۋېتىلدى. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش ئارقىلىقمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. ھالبۇكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش، يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ئاپتونومىيىلىك پرىنسىپلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ، نەتىجىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر رايونىدا ‹ئاپتونومىيە› دېگەن قۇرۇق ۋىۋىسكىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىلدى.»

«خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۆز ۋاقتىدا خۇ ياۋباڭ تەشەببۇس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم ئاپتونومىيىلىك رايونلارغا دائىر سىياسەتلەر ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«1980-يىلى فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزى كومىتېتنىڭ يىغىنىدا خۇ ياۋباڭ ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر يېتەرلىك دەرىجىدە ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولماي تۇرۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس› دەپ كۆرسەتكەن ئىدى ».

خۇ ياۋباڭنىڭ ئەينى چاغدىكى مىللىي سىياسىتىنى ياقلايدىغان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى زىيالىيلار خۇ ياۋباڭ خىتاينىڭ رەھبىرى بولۇپ تۇرغان يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا بىرەر قېتىممۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ۋاڭ جىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا 16 قېتىم قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى لياۋ تيەنچى خانىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«خۇ ياۋباڭ ھەقىقەتەنمۇ سىياسىي ئىسلاھاتنى، مىللەتلەر ئارا باراۋەرلىكنى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلىرىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان دېموكراتىك ئىدىيەگە ئىگە بىر رەھبەر ئىدى. شۇڭلاشقا خۇ ياۋباڭ خىتاينىڭ رەھبىرى بولۇپ تۇرغان 1980-يىللارنى مەملىكەتتە دېموكراتىك ئىدىيەلەر بىر قەدەر جانلانغان،خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا نىسبەتەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقمۇ بىر قەدەر ياخشىلانغان دەۋر دەپ قاراشقا بولىدۇ. 1985-يىلى مەن جەمئىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر شەھىرىدە بىر ئايدىن كۆپرەك تۇرۇپ قالدىم. ئۇ چاغلاردا گەرچە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بارغان خىتايلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئەپسۇسكى، بۇنداق تىنچ كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى. كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىدىكى كاللىسىنى مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيىسى چىرماپ كەتكەن دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىقلار خۇ ياۋباڭنىڭ دېموكراتىك تەشەببۇسلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت دەپ قاراپ، 1987-يىلى ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. ئەندىلا باشلانغان سىياسىي ئىسلاھات ۋە مىللىي رايونلاردا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىمۇ خۇ ياۋباڭنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن يوققا چىقىرىلدى.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت