بۇ نازارەتنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى نىمە ؟

ۋەتەندىن كەلگەن بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر - بازارلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئىشسىزلىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر بولسا تېرىغىلى يىرى، قىلغىلى ئىشى بولمىغىنى ئۈچۈن جەنوبىي رايونلاردىن ھاياتلىق يولى ئىزلەپ كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن تولۇپ - تاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىدىغان، ئۇلارنى بۇ مۈشكۈل ۋەزىيەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىرمۇ ھۆكۈمەت ئورگىنى يوق !
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2009-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ.
RFA Photo

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرى بولسا تىنىم تاپماي ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ياللىنىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە. مانا بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن بىردىن - بىر چىقىش يولى !

ئەسلىدە تەشكىلى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق ۋەزىيىتىدىن قۇتقۇزۇش بولسا، ئالدى بىلەن " ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى " دەپ ئاتالغان بۇ ئورگاننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى ئىدى. ئەپسۇسكى، " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى " غا قاراشلىق بۇ نازارەت ھازىر ئۆزىنىڭ ئەسلىدە قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىن شەرقىي تۈركىستانغا ئېقىپ كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قارىتىپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، شىنخۇا ئاخبارات تورىنىڭ 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل باھار پەسلىدىن بۇيان، ئىچكى ئۆلكىلەردىن شەرقىي تۈركىستانغا ئىش ئىزدەپ كەڭ كۆلەمدە خىتاي كۆچمىنى ئېقىپ كىرىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.

خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەمگەك مۇلازىمەت بازارلىرى تارىيىپ، ئىشسىزلىق ئاشقىنى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ھازىر، خىتاي ئىشسىزلىرىنىڭ چوڭ يۈرۈش قىلىش نىشانىغا ئايلانغان. بۇ يىل، ئىچكى ئۆلكىلەردىن بۇ رايونغا ئېقىپ كىرىدىغان خىتاي ئىشسىزلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى، تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭدىن ئېشىپ كىتىدىكەن.

شۇڭا، "ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمايى پاراۋانلىق نازارىتى"، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا قولايلىق يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپلا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلگەن.

بۇ نازارەت، پويىز ئىستانسىسى، ئاپتوبۇس بىكەتلىرى ۋە شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئەمگەك مۇلازىمىتى بازارلىرىغا مەخسۇس ئۇچۇر ۋە مەسلىھەت بىرىش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، خىتاي ئىشسىزلىرىنى ساقلاتماي ئۇدۇللۇق تۈرلۈك ساھەلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان. بۇ نازارەت يەنە، سىچۈەن، شەندۇڭ، خېنەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن بىۋاستە ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىشنىڭ تەشكىلى ئاساسىنى ياراتقان. يەنە ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئېقىپ كىرگەن خىتاي ئىشسىزلىرىنىڭ ھەق - ھوقوقلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققان.

مانا بۇ، ئەسلى ۋەزىپىسى " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى " دىكى يەرلىك خەلقلەرنى ئىش ۋە ئاش بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بولغان ئاتالمىش، " ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى " نىڭ ھازىر مەشغۇل بولۇپ يۈرگەن ئىشى!

ھازىر ئۆز رايونىڭدىكى يەرلىك خەلقنىڭ كۆپ قىسمى ئىشسىز ۋە ئاچ - يالىڭاچ، يەرلىك دېھقانلىرىڭنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيىسى پۈتۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىنمۇ بىر ھەسسە تۆۋەن، ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش " دېگەن نامدا مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆز يۇرت - ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىۋاتىسەن، 100 مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز - يىگىتىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خىتاي خوجايىنلارنىڭ قولىدا تۆۋەن مائاش ۋە ئېغىر شەرتلەر ئاستىدا قۇلدەك ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتىسەن.

ھۆكۈمەت، " شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى " دەپ جار سالغانسىرى، كوچا - كويلاردىكى ئۇيغۇر يىتىمچىلىرى ۋە تىلەمچىلىرىنىڭ سانى شۇنچە كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ.
 
ئەمما، سەن بۇ تەڭپۇڭسىزلىقتىن ۋە ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتتىن نومۇس ھېس قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە يەرلىك خەلققە تېخىمۇ ئېغىر پالاكەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغان، يەرلىك خەلقنىڭ ئىشسىزلىق ۋە ئاچ - يالىڭاچلىق ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغان تەتۈر يول ۋە سىياسەتنى تۇتۇپ كىلىۋاتىسەن !
 
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشكە مەسئۇل بولۇۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئورۇن - دەل مانا شۇ " ئەمگەك ۋە ئىتجىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى" ۋە بۇ نازارەتنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردىكى شۆبىلىرىدىن ئىبارەت !

بۇ نازارەت، ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئېقىپ كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ناھايىتى سېخى ۋە كەڭ قوساق، ئۇلارغا قويىدىغان ھېچبىر شەرتى يوق، شۇڭا خىتاي ئاققۇنلىرى پويىزدىن چۈشۈپ بولغىچە دەرھال ئىشقا، ئاشقا ۋە قونالغۇغا ئىگە بولىدۇ !

ئەمما بۇ نازارەت يەرلىك خەلقنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كەلگەندە ناھايىتى بىخىل ۋە قاتتىق قول بولۇپ، ئالدىن قويىدىغان شەرتلىرىمۇ ناھايىتى ئېغىر.

مەسىلەن، بۇ نازارەت تەرىپىدىن 2004 - يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھەر قايسى ناھىيە ۋە شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىلىرىگە تارقىتىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا، ئۇيغۇرلارنى ئىدارە - جەمئىيەتلەرگە ئىشقا قوبۇل قىلىشتا تۆۋەندىكى 3 تۈرلۈك شەرتنى قويۇش تەلەپ قىلىنغان:

1. تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان ۋە بايرىقى روشەن ھالدا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ھەم قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرغان بولۇشى لازىم؛

2. سىياسى ساپاسى يۇقىرى بولۇشى، ئائىلە تەركىپى ئىچىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلار بولماسلىقى، دىنغا ئىشەنمەسلىكى كېرەك ؛

3. كومپارتىيە ئەزاسى ياكى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار كادىرى بولغان بولۇشى، ئىلگىرى " 3 تە ياخشى ئوقۇغۇچى " دېگەن شەرەپلىك نامنى ئالغان بولۇشى لازىم ؛

دېمەك، يۇقىرىقى بۇ ئۇقتۇرۇش، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن يۇقىرى بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر دەلىلى.

چۈنكى، ئىشقا ئورۇنلىشىمەن دېسەڭ، دىنىي ئېتىقادىڭدىن، ئىمانىڭدىن ۋاز كىچىپ، سىپى ئۆزىدىن بىر كوممۇنىستقا ئايلىنىشىڭ لازىم، مىللىي ھەق - ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا بايرىقىڭ روشەن ھالدا قارشى تۇرالايدىغان، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقىڭنى ئىزىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان بىر مىللىي مۇناپىققا ئايلىنىشىڭ لازىم ! ئۈچ ئەۋلادىڭ، كومپارتىيىگە سادىق ئۆتكەن ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇشى لازىم ! قېنى ئېيتىڭچۇ ؟ 1949 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، ھېچبىر سىياسىي قالپاق كەيگەن ئادەم چىقىپ باقمىغان ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن قانچىسى بار ؟

كېيىنكى يىللاردا يەنە خىتايچىنى سۇدەك بىلگەن بولۇش شەرتى قوشۇلدى.

يۇقىرىقىدەك شەرتلەر كۆپەيگەنسىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش تېپىشىمۇ شۇنچە قىيىنلىشىپ بارماقتا. ماھىيەتتە بولسا بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كىلىۋاتقان سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە باش كۆتەرگۈزمەسلىك پرىنسىپىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسىدىن ئىبارەت !


تولۇق بەت