د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئىجابىي ئوبرازىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ

ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ئومۇمى ۋەكىللەر يىغىنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2009-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ھازىرمۇ ھەم بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ سىياسىي ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى ھەققىدىكى بەس - مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.

قۇرۇلتاينىڭ ئالدى - كەينىدىكى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن :

بىرىنچىدىن، قۇرۇلتاينىڭ ئامېرىكىدا چاقىرىلىشى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى ئاشۇرۇش ۋە دېموكراتىك ئەللەردىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچ - ئۈمىدىنى ئاشۇرۇشتىمۇ پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا بۈگۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى يۆلۈنۈشىنى بەلگىلەۋاتقان سۈپەر كۈچ شۇنداقلا دۇنيا دېموكراتىيىسىنىڭ باش قەلئەسى !

" 11 - سېنتەبىر " تېررور ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭمۇ قوللىشى بىلەن " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى " ناملىق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن " تېررورچى تەشكىلات " دەپ ئېلان قىلىنىشى، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا ئامېرىكا تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان 23 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۈانتانامو تۈرمىسىگە قامىلىشى، تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى " ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادى مەنبەلىرىنى چەكلەش ھەققىدە قارار ئالغانلىقى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا بەلگىلىك سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن، كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولغان گۇمانىي قارىشىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى.

شۇڭا، بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ ئامېرىكىدا چاقىرىلىشى، يەنە كېلىپ قۇرۇلتايغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ بىۋاستە ئىشتىراك قىلىشى، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كاللىسىدىكى گۇمانىي قاراشلارنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغۇسى.

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا قايتىدىن ئاقلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ.

چۈنكى بۈگۈن كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ، بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشىغان ئەسىر مىللەتلەرگە بولغان سىياسى پوزىتسىيىسى ئامېرىكىنىڭ سىياسى ۋە دىپلوماتىك ئېقىمىغا پاراللىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز پايتەختىدە ئېچىشقا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكىغا جەم بولۇشىغا يول قويۇشى، ماھىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە ھېچبىر خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدىغان ھەقىقانىي بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسىدىن ئىبارەت. بۇ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئىجابىي ئوبرازىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.

يەنە بىر جەھەتتىن، دۇنيادىكى ئىقتىسادى كرىزىس تۈپەيلىدىن، ئامېرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خىتايغا بولغان ئىقتىسادى جەھەتتىكى بېقىندىلىق ۋە ئېھتىياجى ئېشىپ بارماقتا، كۆپلىگەن ئەللەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنىڭ كويىغا چۈشتى، خەلقئارالىق ھادىسە ۋە كرىزىسلارنى سۈيئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا بۇنى پۇرسەت بىلىپ، دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مىللىي ھەرىكىتىگە قاراتقان دىپلوماتىك ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىدە، ئۇلارغا تىبەت ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللىماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ كەلدى.

بولۇپمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتوننىڭ ئۆتكەنكى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئىچكى قىسىمدا كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا مۇھتاج بىر ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، دۇنيادىكى ئىقتىسادى كرىزىسنى خىتايسىز ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇر ۋە تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە بازار تاپالمايدىغانلىقىنى بولۇشىغا تەشۋىق - تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەردىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرىنىڭ روھىنى ۋە مىللىي ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشقا، ئۇلار ئىچىدە كۈچلۈك ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى.

دېمەك، بۇنى كۆزدە تۇتقاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ئومۇمى ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ ئامېرىكىدا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا چاقىرىلىشى، خىتاي ئۈچۈن سىياسى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە ئەجەللىك بىر زەربە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەرگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغۇسى.

ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىردىن - بىر رەئىس نامزاتى سۈپىتىدە ۋە بارلىق ۋەكىللەرنىڭ بىردەك ئاۋازى بىلەن قايتىدىن قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقى، رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى مۇتلەق ۋەكىللىك ۋە رەھبەرلىك ئورنىنىڭ ئۆز خەلقى ئىچىدە تولۇق ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدىن ئىبارەت.

بەزى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى رابىيە خانىمنى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قاتارلىق بىرىنچى ئەۋلات مىللىي رەھبەرلەردىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تەرىپىدىن تولۇق ھىمايىگە ۋە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن بىردىن - بىر رەھبەر دەپ قارىماقتا.

رابىيە خانىمنىڭ خىتاينىڭ زىندانىدىن قۇتۇلۇپ چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تىزلىتىشتە تۈرتكىلىك مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بىرلىك - باراۋەرلىكىنى، ئىناق - ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەش، مىللىي كۈرەش سېپىدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى بايقاش ۋە ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئوخشىمىغان قاراشقا ئىگە گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى پەسەيتىش جەھەتلەردىمۇ يېتەكچىلىك رولىنى ئويناپ كىلىۋاتقانلىقىمۇ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.

يەنە بىر مۇھىم نوقتا شۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىدا داغدۇغا بىلەن غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ جىددى بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولدى.

مەيلى قايسى خىل ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ۋە يوقىتىشنى كۈچەيتكەنسىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىمۇ خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك شۇنچە بىخ ئۇرۇپ زورىيىپ كەلمەكتە.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى تىبەتكە قارىغاندا ھەسسىلەپ ئۈستۈن بولۇپ، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە جەھەتتە ھازىر خىتاي پۈتۈنلەي شەرقىي تۈركىستانغا بىقىنىپ قالغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ.

بولۇپمۇ خىتاينىڭ نېفىت، گاز ۋە كۆمۈر قاتارلىق ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرى جەھەتتە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان بېقىندىلىقى 40 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان رايونى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن نېفىت - گاز ئىمپورت قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ترانسىپورت تۈگۈنى بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىت - گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5000 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

قىسقىسى، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان رايونى خىتاي سانائىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، بۇ رايوندا مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ كۆپىيىشى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن زور خەۋپ ۋە تەھدىتتۇر.

بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىدىغان ھەر قانداق بىر مىللىي توقۇنۇش ياكى ئىسيان، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ئىنتايىن زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغان.

ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاشتا، قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە تايىنىپ كەلگەن ئىدى، ئەمما كېيىنكى بىر - ئىككى يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بىر قاتار ھادىسىلەرنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىسىنىڭ كار قىلمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

شۇڭا خىتاينىڭ ئالدىدا بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ، نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۆتىدىل ۋە ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مىللىي مەسىلىنى نىگىزىدىن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت !


تولۇق بەت