ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن " دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى" دىن ئىبارەت.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2009-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە دۇنيا جامائەتچىلىكى، ئۇرۇش سەۋەبىدىن، تەبىئي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ۋە دىكتاتورلارنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى بېسىمى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن سۆيۈملۈك ۋەتىنى ۋە يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان مىليونلىغان مۇساپىرلارنىڭ قايغۇسىغا ۋە يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ئورتاق بولۇشتى، ئىنسانلارنى بۇ خىل ئېچىنىشلىق تەقدىرگە مەھكۇم ئەتكەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن قاتتىق لەنەتلەندى.

چەتئەللەردە ۋە ئۆز ۋەتىنىدە مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارمۇ، دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىنى ھەسرەت تۇيغۇسى ئىچىدە خاتىرىلىگۈچى مۇساپىر مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كېڭىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ خانىۋەيران بولغان مۇساپىرلارنىڭ ئومۇمى سانى 42 مىليون نەپەر بولۇپ، ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، بۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئۆز ۋەتىنىدە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقانلاردىن ئىبارەت، باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىپ سىياسى پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى بولسا 10 مىليوندىن ئارتۇق.

ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىمۇ كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇنداقتا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى زادى قانچىلىك؟ ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قانداق؟ شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسانلارنى يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان ئاساسلىق ئامىل - قىرغىنچىلىق، زۇلۇم، بېسىم، تەھدىت، تەقىپ، تەبىئي ئاپەت ۋە قەھەتچىلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئاچارچىلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنى قىسقىچە تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنى بۇ يولغا مېڭىشقا مەجبۇر قىلغان ئاساسلىق سەۋەبنىڭ، ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق، چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز! ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىمۇ، ۋەتەن سىرتىدىكىلەر ۋە ئىچىدىكىلەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن.

ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، بەزى غەيرى رەسمىي ستاتىستىكىلەردا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەتلا 30 - يىللاردىن ھازىرغا قەدەر چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن بىر مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلار دۇنيادىكى 50 دىن ئارتۇق دۆلەتكە تارالغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا ئەللەردە ياشاپ كەلمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھىجرەت قىلىشىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن: 1934 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قەشقەردە قۇرۇلغان " شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جۇمھۇرىيىتى " مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن قاتارلىق رايونلاردىن بىر تۈركۈم يۇرت كاتتىلىرى ۋە مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قېچىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن كەشمىر، ھىندىستان، ئافغانىستان، ئاز بىر قىسمى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ پاناھلانغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك زات خوتەن ئەمىرى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئىدى.

30 - يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ قالدۇق كۈچلىرى، 1937 - يىلى گېنېرال مەھمۇت مۇھىدى،خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ شەيھۈل ئىسلامى مۇھەممەت نىياز ئالەملەرنىڭ باشچىلىقىدا ھىندىستانغا قېچىپ چىقىپ پاناھلاندى. 49 - يىلى يەنە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۇسۇپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلار قوشۇنى كوممۇنىست خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەشمىر رايونىغا قېچىپ چىقىپ ھىندىستاندىن پاناھلىق تىلىگەن ۋە كېيىن ئۇلار تۇركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەرلەشكەن ئىدى.

50 - يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا سابىق "شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى" نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇرۇپ مەخسۇم، زىيا سەمەدىيلەر باشچىلىقىدىكى بىر قانچە يۇزمىڭ ئۇيغۇر سوۋىت ئىتتىپاقىغا قېچىپ چىقىپ پاناھلانغان، يەنە ئوخشاش مەزگىلدە مەشھۇر ئۇيغۇر زاتلىرىدىن ئابدۇۋەلىخان خوجا، مۇھەممەت قاسىم، ھۆسەيىن غەزنىچى باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئافغانىستانغا كېلىپ پاناھلانغان ۋە كېيىن تۇركىيىنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئىدى.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرالارنى قاتتىق قامال قىلىشى نەتىجىسىدە، 60 - يىللاردىن، تاكى 80 - يىللارنىڭ بېشغا قەدەر ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ پاناھلىنىش يوللىرى پۇتۇنلەي كەسىپ تاشلانغان ئىدى. 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن، بولۇپمۇ 1990 - يىلى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن، خىتاينىڭ سىياسى زىيانكەشلىكىگە ۋە بېسىمىغا ئۇچرىغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە دىنىي زاتلار پاكىستان، ئافغانىستان، تۇركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۇركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، يەنە ئاز بىر قىسمى بولسا غەرب ئەللىرىگە قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان ئىدى. ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلىرىنىڭ تەرەققىيات يولۇنۈشىگە قارايدىغان بولساق، 97 - يىلى غۇلجىدا يۇز بەرگەن " 5 - فېۋرال " كېيىن، چەتئەللەردە، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىگە قېچىپ كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بەزى غەيرى رەسمىي ستاتىستىكىلاردا، " 5 - فېۋرال " ۋەقەسىدىن بۇيان، تەخمىنەن 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇرلۇك يوللار بىلەن چەتئەللەرگە قېچىپ چىققانلىقى بايان قىلىنماقتا.

ھازىر پەقەت ياۋروپادىكى 10 نەچچە دۆلەتتە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىلا تەخمىنەن 4000 دىن ئاشىدۇ. ئۇنداقتا ئۆز ۋەتىنىدە ۋە ئۆز ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان خىتايدا مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىچۇ ؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كېڭىشىنىڭ ئىزاھاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىچكى - تاشقى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا شۇ دۆلەت ياكى شۇ رايوندىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەجبۇرلىشى سەۋەبىدىن يۇرت - ماكان ۋە تۇرالغۇ جايلىرىدىن، تېرىلغۇ يېرى ۋە خىزمىتىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇساپىرلىق كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ.

بۇ ئۆلچەمنى ئاساس قىلغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش " دېگەن سىياسىتى تۈپەيلىدىن باشقا يۇرتلارغا مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىنغان ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇساپىر ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ بەزى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 2000 - يىلى يولغا قويۇلغان ئاتالمىش "چوڭ غەربىي شىمالنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىلىك پىلانى" دىن بۇيان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تارىم ئويمانلىقىدا يېڭىدىن ئېچىلغان نېفىتلىك، كان - كارخانا، نېفىت - گاز تۇرۇبا لىنىيىلىرى ۋە تاشيوللار تۈپەيلىدىن قورو - جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان ۋە بۇ سەۋەبتىن يۇرتىنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان يېتىمچى ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا 2003 - يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" دېگەن سىياسەت تۈپەيلىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ھەيدەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن ئىككى مىليونغا يېتىپ بارىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز، جەنوبىي رايونلاردىن ھاياتلىق يولى ئىزدەپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار، يەنى يېتىمچىلەر بىلەن تولۇپ - تاشقانلىقى كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ.

قايسى بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك يۇرتىنى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرىنى ۋە ئىللىق ئائىلىسىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇشنى خالىسۇن ؟ ئۇلارنى بۇ " بارسا كەلمەس يول " غا مېڭىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل - خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىدىن ئىبارەت !    


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت