دىڭ لىچۈننىڭ ئەسلىمىسى

2009‏ - يىلى 3‏ - ئاينىڭ 26‏ - كۈنى دوۋېي تۆر بېتىدە، " دىڭ لىچۈننىڭ ئەسلىمىسى" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. 1980‏ - يىلى خۇياۋباڭ، ۋەنلى قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى بىر پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلغان ئىمىش.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2009-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەركىزى كومىتېت ھەر يىلى تىبەتكە 5 - 6 يۈز مىليارد ياردەم پۇل ئاجرىتىپ بېرىدىكەن. بۇ پۇلنىڭ 80% تىنى تىبەتتە ئىشلەۋاتقان خىتاي كادىرلارغا خەجلەيدىكەن، دىڭ لىچۈننىڭ گېپىدە شۇ چاغدا خۇ ياۋباڭ خاتا قارار چىقىرىپ مەركەز بەرگەن پۇلنى تىبەت خەلقىنىڭ خەجلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن خىتاي كادىرلىرىنىڭ 80% ئەتىراپىدا تىبەتتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش كېرەك دەپ قارار چىقارغان ئىمىش.

"مۇھىم ئىشلار خاتىرىسى" ۋە "تېلېگرامما"، 80% خىتاي كادىرنىڭ تىبەتتىن چىقىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلارغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن (نېمىشقا بۇيەردە يىتىپ كەلگەندىن كېيىن دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى؟) يۇقىرقى سىياسەت تىبەت بىلەن شىنجاڭغا ئوخشاشلا تەدبىق قىلىنغان سىياسەت ئىدىغۇ؟ ئاتالمىش شىنجاڭ دېگەن بۇ زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاڭ فىڭ سابىق سوۋېتلەردىن مۇداپىئە كۆرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

ۋەزىيەتنى ئىنتايىن ئېغىر مۆلچەرلىگەن ۋاڭفىڭ ئالاقزادە بۇلۇپ ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي كادىرلارنىڭ ئىلى ئۆلكىسىدىن چېكىنىپ ئىچكىرى خىتايغا قايتىپ كېتىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، بۇ چاغلاردا ئاتالمىش شىنجاڭ دېگەن يەردە مىللى كادىرلارنىڭ مىللەتچىلىكى پۇرسەتكە ماسلىشىپ خىتاي كادىرلارنى سىقىپ چىقىرىشقا تەرەددۇت قىلش دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن.

خۇياۋباڭ مىللى ۋە خىتاي كادىرلارنى بېيجىڭغا چاقىرىپ كېلىپ يىغىن ئېچىپ، يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇلغاندا، مىللى كادىرلار بىلەن خىتاي كادىرلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن. بۇلار ئاتالمىش شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مىللى كادىرلار خىزمەت خاتىرىسىگە تايىنىپ ئىش بېجىرگەن، خىتاي كادىرلار مەركەزگە تېلېگرامما ئەۋەتىشكە تايىنىپ خىزمەت بېجىرگەن. شۇ ۋاقىتقا يەتكەندە خۇياۋباڭ يەنە ئىككى ئايرىلالماسلىق سىياسىتىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىكەن.

بېيجىڭدا ئېچىلغان يىغىندا قالدۇرۇلغان خىزمەت خاتىرىسىدە خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى 3 دەرىجىلىك ھوقۇقنى ئېلىپ قېلىپ قالغان ھوقۇقنى يەرلىككە بېرىۋېتىشنى ئويلاشقان ئىكەن. 1. دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى، 2. دىپلوماتىيە ھوقۇقى 3. ئىچكى سىياسەتتە ئىنكار قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارنى مەركىزى ھۆكۈمەتكە قالدۇرماقچى بولغان ئىكەن.

شۇ ۋاقىتتا ئەپەندى دىڭ لىچۈن خۇياۋباڭغا سوئال قويۇپ مىللى رايونلار توغرىسىدا شۇنداق قارار چىقىرىش كېرەكمىكەن، دېگەن ئىكەنمىش.

ھەمە نەرسە تارىخقا ئايلىنىپ بولدى، بۈگۈن بىزنىڭ قىزىقىدىغىنىمىز، خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئاجرىتىپ بېرىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ 80% تىن ئارتۇقراقىنى تىبەتتە ۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خەجلەيدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر. دىڭ لىچۈن شۇنداق ئېتىراپ قىلمىدىمۇ؟

تولۇق بەت