ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ

دوۋىي تور بېتى "خەلقئارا ئاۋانگارتلار" گېزىتىنىڭ يازمىلىرىدىن سىتاتا كەلتۈرۈپ 2009‏ - يىلى 4‏ - ئاينىڭ 24‏ - كۈنى مۇنداق كۆرسەتتى: چەتئەل شىركەتلىرى ۋە چەتئەل كارخانىلىرى خىتايدا قەرزگە بۇغۇلۇپ سودا - تىجارىتى يۈرۈشمەي قالغانلىقتىن، مەبلەغنى يوللۇق چېكىندۈرۈش قىيىن بولغانلىقتىن شىركەتلەرنى تاشلاپلا كېتىپ قالدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2009-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش ۋە شىركەتلەردىن ۋاز كېچىپ قېچىپ كېتىش ھادىسلىرى ھازىر خىتايدا كېڭىيىشكە باشلىدى. پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەل مەبلىغىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشى تىزلىشىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، مەبلەغنى غەيرى نورمال چېكىندۈرۈشمۇ ئۆزلۈكسىز كۆپەيمەكتە.

خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ۋە قېچىپ كېتىشىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئۆتكەن يىلى 12‏ - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى بېيجىڭدا جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىر شىركىتى تۇيۇقسىز ئىشىك تاقىدى. 3 نەپەر كورىيىلىك تۇيۇقسىز غايىپ بولدى. بېيجىڭ چاۋياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، بۇ يىل 2‏ - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە سوت مەھكىمىسى بېجىرگەن، دەرىجىدىن تاشقىرى بىر بازارغا چېتىشلىق دېلو 32 پارچىغا يەتكەن بۇلۇپ، ئەرز - شىكايەت قىلغۇچى شىركەتلەر بىر نەچچىگە يەتكەن.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: ئەگەر چەتئەل مەبلىغى غەيرى نورمال چېكىنىدىغانلا بولسا، تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ سودىسىغا، بانكىنىڭ ھېساباتىغا،ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىدۇ.

2003‏ - يىلىدىن 2008‏ - يىلىغىچە خىتايدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن جەنۇبىي كورىيە شىركەتلىرى، جۈملىدىن پەقەتلا سەندۇڭ ۋە چىڭداۋ رايونلىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن كورىيە شىركەتلىرى 206 يۈرۈشكە يەتتى. تۆلەنمىگەن مائاش 160 مىليون يۈەنگە يەتتى. بانكىغا قايتۇرۇشقا تىگىشلىك پۇل 700 مىليون يۈەن ئىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1‏ - پەسىلدە خىتاي جەلىپ قىلغان چەتئەل سودىگەرلىرى سالغان مەبلەغ 217.8 مىليون دوللار بولغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا 20.6% تۆۋەنلەپ كەتتى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چەتئەل مەبلىغى خىتايدىن چېكىنىشنى تېزلەتتى. ياپۇنىيە ئاگېنتلىقى چېكىنىشنى ئۇقۇشۇپ كۆرۈۋاتقان شىركەتلەر بىر ھەسسە كۆپەيدى دەپ، كۆرسەتتى. ياپۇنىيىنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئورگانلىرى، 2 - 3 ئايلار ئىچىدە توكيو، ئوساكا قاتارلىق شەھەرلەردە، خىتايغا سالغان مەبلەغنى قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.

پۇل تاپىمەن دەپ خىتايغا كىرگۈچىلەر كاپىتالنى چېكىندۈرۈشكە باشلىغان بولسا، ئەجەبلىنىدىغان نېمىسى بار؟ قانۇن بولمىغان يەردە، ئەخلاق، ھايا بولمىغان يەردە،سودا - تىجارەت ئېڭى بولمىغان بىر دۆلەتتە سودا - تىجارەت قىلىش، سىياسەت ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر دۆلەتتە سودا - تىجارەت قىلىش ئاخماقنىڭ ئىشى ئىدى.

خىتاينىڭ غايەت زور بازىرىغا قىزىقىپ كېلىۋاتقان غەربنىڭ سودىگەرلىرى ھامان بىر كۈنى بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ؟ تۇمشۇقىغا يېگەندە چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ، ئاڭغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىپ قاقتى - سوقتى قىلىۋېرىدۇ. 


تولۇق بەت