رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دىپلوماتىيىسىنىڭ ئوڭغا بۇرۇلۇشى

1904 - يىلى ياپون دېڭىزىدا پارتلىغان رۇس - ياپون ئۇرۇشىدا چار رۇسىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، چار رۇسىيىنىڭ ۋە كېيىنكى لېنىن، ستالىن رۇسىيىسىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ۋە ئاسىيا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەسىلەن، 1945 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شەرتنامە ئىمزالاش ئۈچۈن جۇڭگو سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ موسكۋاغا يېتىپ كەلگەندە، ستالىن ۋەكىللەرنى كۈتۈپ ئېلىش زىياپىتى بېرىپ، زىياپەتتە: "ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى چار رۇسىيە دەۋرىدىكى بىلەن ئاسمان - زېمىن پەرقلىنىدۇ، ئۇچاغدا چار رۇسىيىنىڭ مەقسىتى - ياپونىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگونى بۆلۈۋېلىش ئىدى؛ لېكىن ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى - جۇڭگو بىلەن بىرلىشىپ ياپونىيىنى چەكلەش" دەپ كۆرسەتتى.(1)

مەيلى چار رۇسىيە دەۋرىدە بەلگىلەنگەن ياكى لېنىن،ستالىن رۇسىيىسى بەلگىلىگەن سىياسەت بولسۇن ۋە ياكى يېقىندا رۇسىيە دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان كۈندىن ھېسابلىغاندىمۇ، بۇ دۆلەتنىڭ ئاسىيا سىياسىتىدە تۈپلۈك ئۆزگىرىش ھاسىل بولمىغان. بېنگالنى پاكىستاندىن پارچىلاپ مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرغان 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، جۇڭگو، ۋيېتنام ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، خانويغا يۈرۈش قىلغان خىتاي ئارمىيىسىنى چېكىندۈرگەندىمۇ، رۇسىيىنىڭ ئاسىيا سىياسىتىدە ئانچە ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى.

2010 - يىلى5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كرىمىل سارىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى سېرگى پىرىخودكو، ئەخمەدىنىجادىنى تەنقىدلەپ، سىياسى تەرغىباتچىلىق قىلماسلىققا ئۈندىگەن. ئەخمەت نىجات :رۇسىيىنىڭ ئىران مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى قوللىشىنى ئىران قوبۇل قىلالمايدۇ، دېگەن. كرىمىلنىڭ باياناتچىسى: "رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ سىياسەت ئۆلچىمى - دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ" دەپ رەددىيە بەرگەن ھەمدە يادرو قوراللىرى ياساش بويىچە ئىراننى جازالاشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"دوۋىي خەۋەرلىرى" تور بېتى، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ" رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندىر كادىننىڭ ئىسپاتلىشىچە، دالاي لامانىڭ روھانىي داھى سۈپىتىدە رۇسىيىگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دالاي لامانىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئەمدى ئۆزگىرىپ، "ئىنتېر فاكىس خەۋەر ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگى لاۋروف، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى موسكۋادا "موسكۋا، دالاي لاما بىلەن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى "بۈيۈك ئىرا تور بېتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىغا ئاساسلانغاندا،خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى، چەتئەللىك نېمىشقا تىبەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىدۇ، دېگەن گەپنى قىلىپتۇ. خىتاي يازغۇچىلار شۇنچە تادان بولۇپ كەتكەنمۇ ياكى خىتاي مەتبۇئاتچىلىرى شۇنچە خۇپسەنلىك قىلامدۇ ؟ تارىخقا قارايلى:

"دالاي لاما 13، 1904 - يىلى10 - ئايدا، موڭغۇلىيىنىڭ يۇرگا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، چار رۇسىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلىگەن باش ئەلچىسى پوكوتىلوف بىلەن كۆرۈشۈپ، پېتر بورگقا بېرىپ پادىشا بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغاندا، چار پادىشا تىبەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، دالاي لامانىڭ تەلىپىنى ئەدەپ بىلەن رەت قىلغان."(2)

شۇ چار رۇسىيە ... 1907 - يىلى 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بۈيۈك بېرىتانىيە، چار رۇسىيە ئىككى دۆلەت، پېتىربورگتا "بۈيۈك بېرىتانىيە، چار رۇسىيە كېلىشىمى"نى ئىمزالاپ، كېلىشىمنىڭ 2 - ماددىسىدا: بۈيۈك بېرىتانىيە، چار رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى، جۇڭگونىڭ تىبەتكە ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ ..." دەپ بەلگىلەنگەن.(3)

ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەنچىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن چار رۇسىيە "پېتىر بورگ شەرتنامىسى" ئىمزالاپ، ئەنگلىيە بىلەن چار رۇسىيە تىبەت توغرىسىدا "پېتىر بورگ كېلىشىمى" ئىمزالاپ، ئۇيغۇر بىلەن تىبەتنى خىتاي - مانجۇلارغا سېتىۋەتكەن دەقىقىلەردە، ئۇيغۇر بىلەن تىبەت خەلقى ئۆز تەقدىرىنىڭ سىياسى تاۋكادا قانداق ئوينىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىدە بولسىمۇ كۆرگەن بولغىيمىدى؟

ئۇيغۇر خەلقى، تىبەت خەلقى ئالقىشلايدىغان بىر ئىش - رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دىپلوماتىيىسىنىڭ ئاسىياغا يۆتكىلىشى، بولۇپمۇ تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك جۇڭگو سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقى ئالقىشلايدىغان بۈيۈك بۇرۇلۇشتۇر.

تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىشقا ئاكتىپ ئارىلىشىدىغانلىقىغا چۇڭقۇر ئىشىنىمىز دېيىشتى، ئۇيغۇرنىڭ سىياسى ئاكتىپلىرى.

مۇبادا رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ھۆكۈمىتى 1950 - يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ستالىن بىلەن ماۋ زېدۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا موسكۋادا ئىمزالانغان "جۇڭگو، سوۋېت دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىق شەرتنامىسى" نىڭ 17 ماددىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر بىلەن تىبەتكە تەدبىقلاپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە شۇ تەرىقىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز بولاتتى دېيىشتى ئۇيغۇرنىڭ سىياسى ئاكتىپلىرى.

ئىزاھات:
(1) ("رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار" ئاپتورى: جۇن گارۋېر ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 520 - بەت)
(2)(3)، ("لاما پادىشاھلىقىنىڭ يىمىرىلىشى" ئاپتورى: مېلۋىن گولدىستىن، خىتايچە نەشرى 49 - بەت، 858 - بەت)


تولۇق بەت