سۈيىقەستمۇ ياكى ئەمەلىيەتمۇ ؟

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9- كۈنى "بوشۈن" تور بىتى :" رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، غەرب دۇنياسى جۇڭگونى سابىق سوۋېتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندەك، ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى "دەپ كۆرسەتتى ماۋزۇلۇق ماقالىدە :" ھەقىقەت گېزىتى" 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، غەرب دۇنياسى جۇڭگونى سابىق سوۋېتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندەك، ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى، لېكىن بۇ سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ..."دېدى دەپ كۆرسەتتى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2010-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە : بۇ يىل نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئومۇميۈزلۈك تالاش- تارتىش قوزغىدى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى غەرب دۇنياسى يەنىلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇر يولىنى بويلاپ، چارە-تەدبىر ئىزدەپ، جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىنى چەكلەپ، جۇڭگونى سابىق سوۋېتلەرنى ئاغدۇرغاندەك ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ"دېگەنىمىش.

پېقىر ئوبزورچى رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى تولىمۇ ئەقىللىق مۇتەخەسسىسلەر دەپ چاغلايتتىم. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېسىدە باردۇ بەلكىم، سابىق پرېزىدېنت يىلىتسىن ھايات ۋاقتىدا ئىئوردان دەرياسىغا چۆمۈلۈپ قىرغاققا چىقىپ، "رۇسىيىنىڭ يىمىرىلىشى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر " دەپ كۆرسەتكەن. بەندە سەۋەب قىلىشى مۇمكىن، لېكىن تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىدە بىرىنچى سەۋەبنىڭ رولىمۇ زور بولىدۇ. رۇسىيىنىڭ يىمىرىلىشىدە يىلىتسىننىڭ كۆرسەتكەن دەلىلى بەلكى ئالەمنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئۇيغۇن بولسا كېرەك.

بىراق، سابىق سوۋېتلار ھۆكۈمىتى بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ھەر قايسى سەپلەر بويىچە مۇرەسسەسىز ئېلىشقانلىقى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان تارىختۇر. بۇ چاغلاردا جاھاننىڭ قۇدرەتلىك كۈچلىرى كاپىتالىزم لاگېرى، سوتسىيالىزم لاگېرى ياكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى، سابىق سوۋېتلار باشچىلىقىدىكى شەرقى ياۋروپا كوممۇنىزم لاگېرى دەپ ئاتىلاتتى. ھەربىي جەھەتتە دۇنيا ناتۇ ۋە ۋارشاۋا شەرتنامىسى دەيدىغان ئىككى چوڭ ھەربىي لاگېرغا بۆلۈنگەن.

ئىككى لاگېر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كۈرەشلەرگە ياكى غەرب دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى سەپلەر بويىچە سوتسىيالىزم لاگېرىغا زەربە بېرىشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، سابىق سوۋېتلەرنىڭ سىياسىي سىستېمىسى گۇمران بولغان بولسا، سۆزسىزكى، بۇ بەر ھەقتۇر. شۇنداق ئەھۋالدا سابىق سوۋېتلەرنىڭ سىياسىي سىستېمىسى گۇمران بولغان ئىكەنۇ، نېمىشقا بۈگۈنكى ئەھۋالدا خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسى گۇمران بولمىغۇدەك؟ سابىق سوۋېتلەرنىڭ گۇمران بولۇشىدا، "9 باھا " يېزىپ، سابىق سوۋېتلەرنىڭ رىۋىزونېستلىق ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى تەنقىدلىگەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭمۇ قولى بار ئىدىغۇ؟

ئەمدى نۆۋەت خىتايدا كوممۇنىزم سىستېمىسى يىمىرىلىش دەۋرىگە يىتىپ كەلگەندە، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى "سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ" دېگەندىن كۆرە، ئەمەلىي ئىش قىلىپ رۇسىيىلىكلەر جۇڭگوغا قۇرۇپ بەرگەن كوممۇنىزملىق ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى ئاغدۇرۇشقا ھەسسە قوشۇپ، بۇ قېتىم ئەمدى دېموكراتىك جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشقا ياردەم قىلىشى تامامەن مۇمكىن ئىدىغۇ؟ ستالىننىڭ دوستى ماۋ زېدۇڭ " سوۋېتلەرنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز " دەپ كۆرسەتكەن. تۈنۈگۈن كىرىمىل قىزىل ئىمپېرىيىسى يىمىرىلدى، بۈگۈن ئەمدى جۇڭگونىڭ قىزىل ئىمپېرىيىسى يىمىرىلسە بولمامدىكەن؟

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت