ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر بايراقدارى

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە مەرھۇم شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپ تەۋۇللۇتىنىڭ 80 يىللىقى خاتىرىلەندى. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سېكرېتار بولغان ھەرقانداق بىر خىتاي ھېچقاچان ئۇيغۇرنىڭ ۋاپات بولغان بۈيۈكلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشمىغان ئىدى. بۇ قېتىم جاڭ چۈنشەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپتۇ.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2010-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنئەنىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەدەبىي ئىجادىيەتچىدە باشقىلاردا بولمىغان بىر ئارتۇقچىلىق بولىدۇ - يەنى ھەقىقىي شائىر بولغۇچىنىڭ روھى ئەركىن بولىدۇ، ئەركىن ئىرادىلىك بولۇشى شەرتسىز بولىدۇ.

ئۇيغۇرنىڭ شائىرى رەھمەتلىك تېيىپجان ئېلىيۇپ، قانچە رەت زاماننىڭ ئۆتكەمىسىدە تاسقىلىپ، قانچە رەت زاماننىڭ غەلۋىرىگە چۈشۈپ، ھاقارەتلەنگەن، شىكەستىلەنگەن روھىنىڭ پاكلىقىنى ئەسلا يوقاتماي، ئىنسانلىق غۇرۇرىنىڭ ماھىيىتىنى ھەرگىز پۇچەكلەشتۈرمەي، ئۇيغۇر پېتى ئۇيغۇردەك ياشاپ، ئۇيغۇر پېتى شائىر بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

شائىر ئىجادىيەتتە بەدىئىي تالانتىغا تايىنىپلا شائىر بولالمايدۇ. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن شائىر بولالايدۇكى، چۈنكى ئۇ، ئەدەبىياتتىكى بەدىئىي ئىستىداتمۇ يېتىشەلمەيدىغان، ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ يېتىشەلمەيدىغان بىر نەرسە، يەنى كىشىلەر ئارزۇلىرىدا ھەۋەس قىلىدىغان، ئەمما كۈرەش قىلمىسا يېتىشەلمەيدىغان، لېكىن ئۇچرىغانلىقى ئادەملەردە بولۇۋەرمەيدىغان بىر نەرسە- مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەركىنلىك؛ شائىر تەبىئىي ئېرىشكەن بىراق، باشقىلار ئۈچۈن يەنە قوغلىشىدىغان، ئىزدىنىدىغان تەبىئىي ئەركىنلىك روھى، شائىرنى شائىر قىلىدىغان بىردىن- بىر ئامىلدۇر. ئەگەر بۇنداق بولمىسا ھېسسىياتمۇ قۇرۇق بولىدۇ، شېئىرى تەسەۋۋۇرمۇ يالغان بولىدۇ.

بۇنداق شائىر رەسمىيەتلەرنىڭ چەكلەشلىرىگە ھەم پىسەنت قىلماي، ھەم بەزىدە چەكلىنىپ، چەكلەنگەندە ئىنتايىن غەيرىي ئىچكى ھاياتنىڭ قۇدرىتىگە تايىنىپ، مىللىي ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ ئىچىدە، ئەدەبىياتنىڭ ئۇسلۇبىنى مىللىيلاشتۇرۇش غەرىزىدە ياشايدىغان شائىردۇر.

ھەرخىل ئىدىيىلەر ۋە ھەرخىل شەيئىلەرنىڭ ئۆز ‏- ئارا ئالاقىلىرىدە، ۋەھىمە بىلەن تاللاشنىڭ چېگرالىرىدا گاڭگىراپ، خىلمۇ ‏- خىل ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھاياتىنىڭ رەڭگى-روھىنى ئۇپراتماي، ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ ئىزچىللىقىنى چالغىتماي، ئىچكى-تاشقى ئېلىشىشلاردا تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ، ھاياتنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىغا ئوخشاشلا تاقابىل تۇرۇپ، ئەدىبنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئەركىنلىكىنى مەدھىيىلەشنىڭ ئورنىغا قويۇپ، رەھمەتلىك شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپ،"ئىرادە ئەركىنلىكى" دېگەن بۇ مەنىۋى قورالنى مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان ئىدى ۋە ئىپىكلىق ئالاھىدىلىك بىلەن سىياسىي لىرىكىلىق خۇسۇسىيەتنى جەم قىلغان "تۈگىمەس ناخشا" ئەسىرىنى ئىجاد قىلغان ئىدى.

تېيىپجان ئېلىيۇپ، ئۇيغۇر ئادەملەر 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ مەقسەت-مۇددىئالىرى ئىچىدە ياشايدىغان، يېپيېڭى، ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىرخىل ساددە-سەمىمىي مىللەتچىلىك، بىر خىل ئىجتىمائىي تۈرنىڭ ئىزچىللاشقان ئىدېئولوگىيىلىك پىكرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدىغان بىر دەۋردە ياشىغان ئىدى. بۇ شەكىللىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەقىقىي باراۋەرلىككە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەر، ئەركىنلىككە ئىزدەنگۈچى ئەركىن ئىرادە ياراتقان غەيرىي بىر مۇھىتتا ئۆز ‏- ئارا كۇس-كۇس پاراڭلىشالايتتى ۋە ئىرادە بىرلىكىنى ئومۇمى غايىلەرنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرماقچى بولۇشاتتى.

رەھمەتلىك شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپ "تۈگىمەس ناخشا" ئەسىرى ئارقىلىق، ئاۋۋال شېئىردا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى قوغدىدى. باراۋەرلىك تەلەپلىرىنى شېئىرى مەنىۋىيەت ئىچىدە مۇقىملاشتۇردى. مىللەتنىڭ مىللىي زېھنىي قۇۋۋىتى تەبىئەت بىلەن جىپسىلاشقان، مىللىي تۇرمۇشنىڭ تەبىئىي ھالىتىگە، شائىر ئۈچۈن ھېسسىياتنىڭ ۋە شېئىرى تەسەۋۋۇرنىڭ تەبىئىي ھالىتىگە قايتماقچى بولدى. مىللىي تۇرمۇشنى ماكان ئىچىدە ۋە چەكسىز زامان ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ئەسلى چاقىرىق كۈچىگە، قەلبىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرمەكچى بولدى. ئۇيغۇر مىللىتىنى ئالەمدىكى مىللەتلەر قاتارىدا كۆرۈشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. دۇنيادا بىر مىللەت بولۇپ تۇرۇشنىڭ بىلىش ۋە سەزگۈلەر جەريانىدىن زامان ئۆكتەملىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى چىقىرىۋېتىپ ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ياشىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. شېئىرنى ۋە شېئىرى ھېسسىياتنى ئازاد قىلماقچى بولغانتى.

1957-يىلى، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇرىستانغا تۈركۈملەپ كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان يىللار، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان، تۈنۈگۈن ئاكوپقا چۈشۈپ دۆلەت قۇرغان ئۇيغۇرلارنى ئەمدىلىكتە مىللەتچىلەرگە ئايرىپ بىر-بىرلەپ تۈرمىلەرگە تاشلىغان يىللار ئىدى.

ئۇيغۇرلار ئادەم ئىدى-دە، ھېسسىيات ۋە ئەقىل پۇشايمانغا ئۈندەيتتى. ئۇيغۇرلار ئادەم ئىدى، جاسارەت ۋە ئەقىل قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلاتتى. شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ "تۈگىمەس ناخشا" ئەسىرى ئەنە شۇنداق تارىخى شارائىتتا دۇنياغا كەلگەن ئىدى. كىمدۇر بىرى بۇ شېئىرنى ئىگە بىلەن خەۋەر نىڭ جۈملىدىكى گرامماتىكىلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق "تەھلىل" قىلىپ، ئۆزىنى " قۇرۇلما تەنقىدچىلىكى" پېشۋالىرىنىڭ ئورنىغا قويماقچى بولغان ئىدى. ئەمما، "تۈگىمەس ناخشا" ئۇيغۇرلاردا مىللىي روھقا ئىزدىنىشنىڭ مارشى، ئىنقىلاب مارشى، تىز پۈكمىگۈچىلەرنىڭ مارشى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئازادلىققا ئىزدەنگۈچى گرېتسىيىلىك ئۈچۈن ئەنگلىيىلىك رومانتىك شائىر بايرۇن قانچە كېرەك بولسا، سىبىرىيە كانلىرىنىڭ چوڭقۇر تېگىدە ھالسىرىغان رۇسىيىلىككە پۇشكىن قانچە قىممەتلىك بولسا، ئاچ زېرىن قالغان گېرمانىيىلىك ئىشچىلارغا ھېنىرىخ ھېنى قانچە قىممەتلىك بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رەھمەتلىك شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپ شۇنچىلىك قىممەتلىك ۋە شۇنچىلىك كېرەك ئىدى.
خىلمۇ-خىل باھالار بېرىلىشى مۇمكىن."بۈركۈت بەزىدە توخۇدىنمۇ پەس ئۇچىدۇ، لېكىن توخۇ مەڭگۈ بۈركۈت بولالمايدۇ. توخۇ يەنىلا ئارقا ھويلىدا داڭگال تاتىلاپ يۈرگەن توخۇدۇر".

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت