"ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى نەزەربەند قىلىنغان

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى، 9-دېكابىر بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقى خادىملىرى تەرىپىدىن «چاي ئىچىش» كە ئېلىپ كېتىلىپ، 13-دېكابىر دۈشەنبە كۈنىگىچە دېرىكى بولمىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2010-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىگە كىرىشتىن بۇرۇن سىرتنى كۆزەتمەكتە.
2010-يىلى 12-ئىيۇن بېيجىڭدا.
ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىگە كىرىشتىن بۇرۇن سىرتنى كۆزەتمەكتە. 2010-يىلى 12-ئىيۇن بېيجىڭدا.
AFP

ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېرىكى بولمىغان

"بوشۈن" تور بېتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ كېتىلىپ ئەتىسى ئەتىگەندە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمدىلا 4 ياش ھەم 9 ئايلىق بولغان ئىككى ئوغلىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكەن. ھازىرغىچە ئۇلارنىڭمۇ دېرىكى بولمىغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 10 - دېكابىر خىتاي تۈرمىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شياۋبو ئۈچۈن نورۋېگىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش ھارپىسىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم زىيالىيلار بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشىنى نەزەربەند قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بۇ نۆۋەت نەزەر بەند قىلىنىشى، ئۇنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن بولغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان بولسا، ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئوخشاش يەنە بىر قىسىم كىشىلەر "ساياھەت قىلدۇرۇش" ياكى "بىر پىيالە چاي ئىچىپ سۆھبەتلىشىش" نامىدا دۆلەت ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ھەم ساقچىلار تەرىپىدىن باشقا جايلارغا ئېلىپ كېتىلىپ نەزەربەند قىلىنغان.

"بوشۈن" تور بېتىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 10- دېكابىر جۈمە كۈنى ۋە 13- دېكابىر دۈشەنبە كۈنى دەرسى بولسىمۇ، ئۇ دەرسكە كەلمىگەن. بىز ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى خىزمەتداشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ھەم تونۇشلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار بىزگە ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئىلھام توختى ئەپەندىنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىلگىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىرەيلەن، ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كەتكىنى ئۈچۈن ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆزىنىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان دەرسكە كەلمىگەنلىكىنى، ھەم ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن باشقا جايلاردىمۇ ئۇچراشمىغانلىقىنى، شۇڭا ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلھام مۇئەللىمدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئىلھام توختى ئەپەندىنى بىرقەدەر ياخشى بىلىدىغان خىتاي زىيالىيلىرىدىن بېيجىڭدىكى ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى، تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋوئېسېر قاتارلىقلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ ئۆز ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىنغىنى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

زىيالىيلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قارىتا نەزەربەند ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى

 ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرى ھەم ئۆلكىلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم خىتايدىكى سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە ماقالە- ئەسەر ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلارغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلگەنلىكى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرى خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى زىيالىيلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قارىتا ئەڭ كەڭ دائىرىدىكى نەزەربەند قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىم نەزەربەند قىلىنغانلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىپ، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرى ياكى باشقا جايلاردا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.

چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرى قاتتىق قامال قىلىنغان

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى نورۋېگىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمى مەزگىلىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم بىر قىسىم زىيالىيلارنى نەزەربەند قىلىپلا قالماستىن بەلكى چەتئەل خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تور بەتلىرىنىمۇ قامال قىلغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى تور ئابۇنىچىلىرى بۈگۈن ب ب س ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىغا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان، چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق قامال قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 13- دېكابىر ببچ، چنن قاتارلىقلارنىڭ خىتايدىكى تور بەتلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتايدا تاقىۋېتىلگەن فاچەبووك، تۋىتتەر يوۇتۇبە قاتارلىق خەلقئارالىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق مەتبۇئاتلار، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ تور بېكەتلىرى يەنىلا تاقاقلىق ھالەتتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت