گۇاڭجۇدا خىتاي ساقچىلىرى بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

2006-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردىنمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سودا ئەلۋەك شەھەرلەرگە بېرىپ جان بېقىش يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىرى بولدى. جۈملىدىن گۇاڭجۇمۇ ئۇيغۇرلار باشقا خىتاي شەھەرلىرىگە باققاندا بىر قەدەر كۆپرەك شەھەر ھېسابلىنىدۇ. گۇاڭجۇدىكى ئىسمىنى ھەم ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇاڭجۇدىمۇ ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا مىللىي كەمسىتىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ناھەق ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇش، ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرىمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ياش قانداق ئۆلتۈرۈلدى ؟

19 - ئىيۇن كۈنى كۈندۈزدە يۈشىئۇ رايونىدىكى ياۋتەي بازىرىدا بىر ساقچى مارالبېشىلىق ئۇيغۇر يىگىتىدىن گۇمانلىنىپ ئاختۇرۇشقا ئۇرۇنغاندا، ئۇ بالا قارشىلىق بىلدۈرگەن، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا دەتالاش بولغاندىن كېيىن، ئۇ بالا كەتمەكچى بولغاندا ساقچى ئۇنىڭغا ئوق چىقارغان، ئەتراپتىكى باشقا ساقچىلارمۇ يېتىپ كېلىپ يارىلانغان بۇ ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ، دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

ساقچىلارنىڭ بۇ زومىگەرلىكىدىن غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار يىغىلىپ گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ بارغان. گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ بىز بۇ ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلىپ سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز، دەپ نامايىشچىلارنى قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەتىسى گېزىتكە مەزكۇر ۋەقەلىك ھەققىدە بۇرمىلاپ خەۋەر ئېلان قىلىپ بۇ ئىشنى جىمجىت بېسىقتۇرىۋەتكەن.

گۇاڭجۇدا مەزكۇر نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر سودىگەر يۈشۇ رايونىنىڭ ياۋتەي بازىرىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلاردا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قاچماقتا

ھەي، بۇ ئىشتا ھۆكۈمەت بەك ئاشۇرىۋەتتى. بۇ ئىشقا بارلىق شىنجاڭلىقلار بەك غەزەپلەندى. شىنجاڭلىق ئۇ يىگىت ئوغرىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئوق چىقارماسلىق كېرەكتى، ئۇ بىر جان تۇرسا، ئۇنىڭ قولىدا ھېچقانداق قاتىللىق قورالى بولمىسا.

بىز گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ياۋتەي بازىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ساقچى پونكىتىغا تېلېفون ئۇرۇپ ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئەمما تېلېفوننى ئالغان ساقچى بۇ ئىشنى يۇقىرى ساقچى ئورگانلىرىدىن سورا دەپ جاۋاب بېرىشكە ئۇنىمىدى.

بىز يەنە ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان يۈشۇ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق:

‏-ياخشىمۇ سىز، مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى، مەن 19 - ئىيۇندا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى سوراي دېگەنتىم.

‏- ھە، سىز بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولسىڭىز، شەھەرلىك ساقچىنى ئىزدەڭ. ‏- بۇ ۋەقەدە ئوق چىقارغان سىلەرنىڭ ساقچى خادىمىڭلار ئىكەنغۇ ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيسىلەر؟ ‏- ئۇ بىزنىڭ ساقچىمىز بولغان بىلەن، بۇ ئىشلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىر تەرەپ قىلدى. مېنىڭ بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىش ھوقۇقۇم يوق، جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەڭ ياخشىسى شەھەرلىك ساقچىغا تېلېفون قىلىڭ.

بىز بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بىزنىڭ ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاڭلاپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ۋەقە شاھىدلىرى: ساقچىلار قاتىللىق قىلدى

بىراق ساقچىلار ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ دەسسىدى، ئۇغۇ ئوق يىگەن، ئادەتتە ساق ئادەممۇ ئۇنداق دەسسىگەننى كۆتۈرەلمەيدۇ. مېنىڭچە، ئۇنىڭ ئۆلۈشىدىكى سەۋەبنىڭ 80% ئى ساقچىلاردىن قاتتىق تاياق يىگەنلىكىدىن. ئۇنى ساقچىلار ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.

بىز بۇ پاجىئەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە يەنىمۇ ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياۋتەيدە سودا قىلىۋاتقان كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. گۇاڭجۇغا باشقا ئۆلكىدىن كېلىپ مال يۆتكەۋاتقان بىر خىتاي سودىگەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 19 - ئىيۇندىكى ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈش جەريانىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ناھەقچىلىكتىن ناھايىتى غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى: - ھەي بۇ ئىشتا ھۆكۈمەت بەك ئاشۇرىۋەتتى. بۇ ئىشقا بارلىق شىنجاڭلىقلار بەك غەزەپلەندى. شىنجاڭلىق ئۇ يىگىت ئوغرىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئوق چىقارماسلىق كېرەكتى، ئۇ بىر جان تۇرسا، ئۇنىڭ قولىدا ھېچقانداق قاتىللىق قورالى بولمىسا. بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھۆكۈمەت بىر نېمە دەيدۇ، كۆرگۈچى ئامما يەنە باشقا بىر نېمە دەيدۇ. مېنىڭ كۆرگىنىم ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا بىر پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى بىلەن بۇ يىگىت بىر ئاز قىزىرىشىپ گەپ تالىشىپ قالدى. كېيىن ئۇ بالا كېتىشكە تەمشەلگەن. ساقچى ئۇنى توختا دەپ بۇيرۇق قىلدى، ئەمما ئۇ بالا كېتىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن ساقچى بۇ شىنجاڭلىق بالىغا ئوق چىقاردى. ئوق ئۇنىڭ قوسىقىغا تەگكەن بولسا كېرەك، ئۇ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ چاغدا ئۇ ئوق تەگكەنلىكىنى ئۆزىمۇ تېخى ئاڭقىرىپ بولالمىغان ئۇ يىگىت ئورنىدىن قوپاي دېيىشىگىلا كەينىدىن يېتىپ كەلگەن تۆت ‏- بەش ساقچى ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ دەسسىدى. بۇ ساقچىلار ھەممىسى يۈشۇ رايونىدىكىلەر. ‏- ئاڭلىساق بۇ رايوندىكى ساقچىلار داۋاملىق بۇ جايدا سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زومىگەرلىك قىلىدىكەنغۇ؟ - ‏شۇنداق، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قېتىم شىنجاڭلىقلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. قوۋۇرغىلىرىنى سۇندۇرىۋەتكەنلەرمۇ بار، لېكىن ھېچكىم بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ. ئۇلار شىنجاڭلىقنىڭ ھەممىسىنى يامان ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ. نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن، ئادەمنىڭ ياخشىسىمۇ، ئەسكىسىمۇ بار ‏- دە. - ۋەقە يۈز بەرگەندە باشقا ئۇيغۇرلارمۇ نەق مەيداندا بارمىدى؟ ‏- بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار ھەممىسى يىغىلىپ كەلدى، بىراق ساقچىلار ئۇلارنىڭ توپلىشىشىنى توسىدى. بۇ خەۋەر بىر دەمدە تارقىلىپ ئۇيغۇرلار ئاڭلاپتۇ. بۇ يەردىكى خىتاي سودىگەرلەرمۇ "سىلەر ئۇيغۇرلار بەك يۇۋاش ئىكەنسىلەر، ساقچىلار ئادىمىڭلارنى قاراپ تۇرۇپ بىكاردىن ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ كارىڭلار بولمىدى" دېدۇق. ‏- ۋەقەنى نەق مەيداندا قانداق بىر تەرەپ قىلدى؟ ‏- شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكىلەرمۇ، ساقچى باشلىقلىرىمۇ قاتىللىق يۈز بەرگەن مەيدانغا بىر دەمدىن كېيىن يېتىپ كەلدى. مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتى. كېيىن ئۇيغۇرلار يىغىلىشىپ ئەرز قىپتۇ. ئۇ مەيداندا مەن يوق. كېيىن قانداق بولغىنىنى بىلمەيمەن. بىلىدىغىنىم، ئۇ يىگىتنىڭ قوسىقىغا ئوق تەگدى، ئەمما بۇ ئوق ئۇنىڭ جېنىنى ئالمىدى، ساقچىلار ئۇنى ئۇرماي دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزغان بولسا بىر جاننى قۇتقۇزۇپ قالاتتى. بىراق ساقچىلار ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ دەسسىدى، ئۇغۇ ئوق يىگەن، ئادەتتە ساق ئادەممۇ ئۇنداق دەسسىگەننى كۆتۈرەلمەيدۇ. مېنىڭچە، ئۇنىڭ ئۆلۈشىدىكى سەۋەبنىڭ 80% ئى ساقچىلاردىن قاتتىق تاياق يىگەنلىكىدىن. ئۇنى ساقچىلار ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. نۆۋەتتە گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىندىشىنىڭ ناھەق ھالدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن، ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بارغانچە ئۆكتەملىك قىلىشتىن ئېشىپ، ھەتتا قاتىللىق قىلىشتىنمۇ يانمىغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت