گۇاڭجۇدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى

2006-06-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

19 - ئىيۇن كۈنى گۇاڭجۇنىڭ يۆشىئۇ رايونىدا خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە يەنىمۇ ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق. ئۆلگۈچى گۇاڭجۇغا مارالبېشىدىن يېقىندا كەلگەن 19 ياشلاردىكى يىگىت بولۇپ ئىسىم فامىلىسى ھەسەنجان روزى ئىكەن.

بىز يەنە ھەسەنجان روزىنىڭ مەسىلىسىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشتۇق. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر سودىگەر كىشى نۆۋەتتە ساقچى ھەمدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ھەسەنجاننىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوچۇق ‏- ئاشكارا سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گۇاڭجۇدا يۈز بەرگەن ھەسەنجاننىڭ خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى نۆۋەتتە گۇاڭجۇدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ھەسەنجاننىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى ساقچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى كۈتمەكتە، شۇنداقلا ھەسەنجاننىڭ مارالبېشىدىكى ئاتا - ئانىسىمۇ نۆۋەتتە گۇاڭجۇ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى، مەرھۇم ھەسەنجاننىڭ مېيىتىنىڭ يەرلىككە ۋاقتىدا قويۇلۇشى ۋە روھىنىڭ ئەمىن تېپىشىغا تەقەززا بولماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھەسەنجاننىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە يۇتداشلىرىنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدىكى بىرىنجى قول ماتېرىياللار ئاساسىدا تەييارلىغان تەپسىلى خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت