تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2008-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

wali-mewlut-bilici-200.jpg
قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەھمەت ئوزھاسەكى ئەپەندى. RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرى تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەرى ۋىلايىتىنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋالىسى مەۋلۇت بىلىجى ئەپەندى بىلەن قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەھمەت ئوزھاسەكى ئەپەندىنى 25 ‏- مارت كۈنى زىيارەت قىلدى.

بۇ زىيارەتكە باشلامچىلىق قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا، ئولىمپىك مەشئىلى تۈركىيىدىن ئۆتۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان، يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر ئېلىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق يەر ئېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ، بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

Mayor-mehmet-200.jpg
قەيسەرى ۋىلايىتىنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋالىسى مەۋلۇت بىلىجى ئەپەندى. RFA Photo / Erkin Tarim

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ تۇرغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا كۈن تەرتىپىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ داۋا ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ 12 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ھەيئەتتىكىلەر ۋالى ۋە شەھەر باشلىقىغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىتلەرنى بەرگەندىن باشقا، ئۇيغۇر كىيىم ‏- كېچەكلىرىنىمۇ سوۋغا قىلغان. بۇ زىيارەت قىزغىن بىر كەيپىياتتا ئۆتكەن بولۇپ، ھەيئەت ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.

بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت