تامسىز تۈرمە (1)

2006-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

" كۆزۈتۈش" ژۇرنىلىنىڭ 6 ‏-ئاينىڭ 22 ‏- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان "تامسىز تۈرمە ‏-‏-‏-‏- خىتايدىكى كىشىلىك مەۋجۇدىيەت توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب" دېگەن ماقالىنىڭ كىرىش سۆزى مۇنداق دەپ باشلىنىدۇ: بىز ھازىر پۈتۈن دۇنيانى خۇددى دېڭىزلار چايقىلىپ، تاغلار كۆمتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك بىر غايەت چوڭ ئۆزگۈرۈش ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ دەپ قارايمىز. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، كوممۇنىزم تۈزۈمى خۇددى قار كۆچكەنگە ئوخشاش بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا غۇلاپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا كاپىتالىزمچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بىر يېڭى دەۋرگە كۆچتى. گەرچە بۇ دەۋردە ئوخشىمىغان كونا تۈزۈمنىڭ، بولۇپمۇ كوممۇنىزمنىڭ قالدۇقلىرى تۈپەيلىدىن ئىنسانىيەتتە رايون خاراكتېرلىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتسىمۇ، گەرچە بىر قىسىم خەلق يەنىلا كونا دەۋردىن قالغان تامسىز تۈرمىدە تۇرۇۋاتسىمۇ، ئەمما بۇنداق توقۇنۇشلار ۋە ھادىسىلەر ھېچقاچان پۈتۈن ئىنسانىيەت يۈزلىنىۋاتقان يېڭىچە مەدەنىيەتكە تۈپتىن تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى مۇئەييەن.

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى دەۋر

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەرخىل ھادىسىلەر گە نەزەر سالىدىغان بولساق، زامانىمىزدا ئىنسانىيەت تارىخىدا بىر غايەت چوڭ ئۆزگۈرۈش پەيدا بولدى، بۇ ئۆزگۈرۈش خىلمۇ -خىل بالايى ئاپەتلەر ئىچىدە داۋاملاشتى. سان -ساناقسىز ئادەم ھاياتى بەدىلىگە بىنا قىلىنغان كوممۇنىزم تەجرىبىخانىلرىدا ناھايىتى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى. كوممۇنىزم تۈزۈمى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىزلىرىدا كاپىتالىزمنىڭ يەر شارىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلاندى. بۇ جەريانىدا جەمئىيەتتە پەيدا بولغان ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئۆزگۈرۈشلەر كىشىلەرنى ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى دۇنياسى ھەققىدە قايتىدىن پىكىر قىلىش ۋە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ھازىرقى كاپىتالىزمنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىگە ۋە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدىغان، ئۆزىگە خاس ئەمەلىي تۇرمۇش شەكلىنى چوقۇم ئۆزى يارىتىشى كېرەك بولدى. ھازىر ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئەقلىي مۈلكى ۋە ئەڭ چوڭ جاسارىتى بىلەن مۇشۇنداق بىر يېڭى دەۋردە قەدەم تاشلىماقتا.

كىشىلەر دۈچ كەلگەن يېڭى سوئاللار

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، كىشىلەر بۇ يېڭى دەۋردە مۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزلىمەكتە: دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاي ئىنسانىيەت تارىخىدا زور بۇرۇلۇش شەكىللىنىۋاتقان بۇنداق بىر يېڭى دەۋردە قانداق رول ئويناۋاتىدۇ؟ شەرقچە مۇستەبىت ئىمپېرىيە، كوممۇنىزمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي قورغىنى بولغان ۋە كاپىتالىزمچە بازار ئىگىلىكنى تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان، بۇنداق ئۈچ خىلنى شەكىلنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ يېڭى دەۋردە، بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆرسۈتۈپ، قۇلىقىمىزغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دۇنيا سەھنىسىگە قانداق سەپسەتىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقتى؟ ئالدى بىلەن سىياسىي ئىسلاھاتنى باشلاپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسا ئىككى تەرىپىگە ئىرغاڭلاپ تۇرۇپ، ئاخىر يەنە بۇرۇنقى چار رۇسىيىچە مۇستەبىتلىككە قايتىۋاتقان رۇسىيە بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان يول تۇتۇپ، ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا "تاش سىلاپ ئىلگىرىلەپ دەريادىن ئۆتۈش" دېگەن تەمسىلنى تەجرىبە قىلىپ، سىياسى جەھەتتە بولسا كۈنسېرى فاشىزمغا يۈزلىنىۋاتقان خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ سابىق كوممۇنىزم دۆلىتىدە، كوممۇنىزم ئوتوپىيىسى، سىياسىي مۇستەبىتلىك ياكى ئۆلگەن كوممۇنىزم روھى قانداق قىلىپ مۇشۇ يېڭى دەۋردە ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن مەيدانغا چىقىپ ، قايتىدىن كۈچ تېپىپ، ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاشنى قېيىنلاشتۇرىۋاتىدۇ؟ ئىنسانىيەت ھازىر بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزلىمەكتە.

خىتاي بىلەن رۇسىيىدە كىشىلەر ياۋرۇپا كوممۇنىزمنىڭ تەجرىبىخانىسىدا قانداق بەختسىزلىككە ئۇچرىدى؟

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاسىياچە ئىگىلىك شەكلىگە مەنسۇپ بولغان جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تارىخىي دۆلەتلىك ئىپتىخارى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، بۇلاردىكى ئاسىياچە ئىگىلىك شەكلىنىڭ قانداق قىلىپ غەرب دۇنياسىنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ قالغانلىقى، قانداق قىلىپ ياۋروپانىڭ مەھسۇلى بولغان ماركسىزمنىڭ كاپىتالىزم ئۈچۈن لايىھىلىگەن كوممۇنىزم تەجرىبىخانىسغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، زىيالىيلار قانداق بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىغا نەزەر سالماي تۇرالمايمىز. كوممۇنىزم تۈزۈمىنى يولغا قويغان سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ياۋرۇ-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان، تاتارچە يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن خرىستىيان ئورتودوكس دىنىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرۇپ كەلگەن رۇسىيىدە بولسا كوممۇنىزم تەنقىت قىلىنىدىغان ئۇبىكتىغا ئايلاندى. خاۋىر قاتارلىق كىشىلەر باشلىغان بۇنداق تەنقىت كوممۇنىزم ئاسارىتىدىن ئەمدىلا قۇتۇلغان شەرقى ياۋرۇپا ئەللىرىدە تېخىمۇ كەسكىن بولدى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ كاپىتالىزمغا كۆچۈشى تىز بولدى. ئەمما خىتايدىچۇ؟ كوممۇنىزمنىڭ ئۆلگەن روھى خىتايدا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسۈتۈپ تۇرغانلىقتىن، بۇ دۆلەتتە سىياسىي ئىسلاھاتنى باشلاش قەرەلسىز كېچىكتى. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ دۆلەت خەلققە ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە قاتتىق چەكلىمە قويدى. زىيالىيلار بۇ دۆلەتتىكى يۇقۇرىي بېسىملىق "ھاۋا رايى"دا خۇسۇسىيەت، ئەركىنلىك ۋە غەربچە فاشىزم ياكى ستالىنپەرەست سول ئېقىمنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ قاتتىق سىقىلدى. ئۇلار يا كىتاب دۆۋىسىگە مۆكۈۋېلىشقا يا رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھەممىگە راستچىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان، جان بېقىش ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىدىغان، پەقەت بەزىدە ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلىش ئارقىلىقلا ئاز -تولا دارىتمىلاپ سۆز قىلىپ قويۇشتىن ئۆزگە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. (داۋمى بار) (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت