خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى سازايى قىلىشنى چەكلەش قارارىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى گۇمان قوزغىدى

خىتاي دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت. خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سانى دۇنيادىكى باشقا ئەللەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئومۇمى سانىدىنمۇ كۆپ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 25 - ﻣﺎﻱ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﮔﯘﻳﺠﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﮔﯘﻳﻴﺎﯓ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍﻳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 25 - ﻣﺎﻱ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﮔﯘﻳﺠﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﮔﯘﻳﻴﺎﯓ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍﻳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئاممىۋى يىغىن ئېچىپ، سازايى قىلىدىغان بىردىن - بىر دۆلەت. بۇ ئەھۋال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى سازايى قىلىشنى چەكلىگەن. لېكىن ئانالىزچىلار چەكلەش قارارىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.

خىتاينىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىغا ئوچۇق سوت ئېچىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىش ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى سازايى قىلىپ، جازا مەيدانىغا ياللاپ ئاپىرىش ئادىتى ئۇزۇندىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىد ئوبىكتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7‏ - ئايدا جايلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، يەرلىك ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىدىن "جىنايەتچى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى سازايى قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش " نى تەلەپ قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن سۆھبەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جون كام "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قارارىنى ماختىدى ھەم خىتايدا يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سانىدا ئازىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
 
جون كامنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "جىنايەتچى ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى سازايى قىلىشنى چەكلەش" توغرىسىدىكى قارارى ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ يېڭى پوزىتسىيىسى بولۇپ، بۇ خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار ساھەسىدە ئىنسانپەرۋەرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

لېكىن، چەتئەلدىكى بەزى ئانالىزچىلار يەرلىك ئورگانلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇ قارارنى ئىجرا قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، خىتاي قانۇنىدىكى مەسىلە ئەدلىيە مۇستەقىل بولماسلىقتەك سىستېمىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چېن كۇيدﯤ بۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر.
 
ئۇ، "جۇڭگودا پۈتۈن ئەدلىيە مۇستەقىل ئەمەس. ئەدلىيە مۇستەقىل بولمىغاندىن كېيىن، قانۇن جەمئىيىتى بولمايدۇ. شۇڭا دۆلەت قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنمايدۇ. ئېغىزدىكى گەپ بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ھەرىكەت ئوخشىمايدۇ. بۇ ھادىسە جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇت. پارتىيە ئىرادىسى ھەممىگە يىپەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ مۇنتىزىم قانۇننى ئىشلىتىپ، قاتتىق زەربە بېرىش دېگەندەك قانۇنغا چۈشمەيدىغان پەۋقۇلئاددە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئەدلىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپلاردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، "جىنايەتچىلەرنى سازايى قىلىش"نى تۇنجى قېتىم چەكلىشى ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن بىر قانچە قېتىم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى سازايى قىلىشنى مەنئى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ئورگانلار مەركەزنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ئىجرا قىلمىغان.

جون كام "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دىكى ماقالىسىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 1986‏ - يىلى چۈشۈرگەن بىر ئۇقتۇرۇشىدا "چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، يەرلىك ئورگانلارنى "تاشقى دۇنياغا يامان تەسىر بېرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاگاھلاندۇرغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.

بۇرۇن تەنتەربىيە مەيدانى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلىدىغان سورۇنى بولۇپ، بۇ مەسىلە بېيجىڭ 2000‏ - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىپخانلىقىنى تالاشقاندا ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇپ قالغان. خىتاي بولسا "جىنايەتچىلەر"نى سازايى قىلىشنى مەنئى قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، بۇ توسالغۇنى يەڭگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەدىسىنى ھازىرغا قەدەر ئورۇندىمىدى. خىتاي 2008‏ - يىلى "سەمەن ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغان قۇربانجان ھىمىت بىلەن ئابدۇراخمان ئازادنى قەشقەردە 20 مىڭ كىشىلىك ئوچۇق سوت ئېچىپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرىغان ئىدى.

چېن كۇيدﯤ ئەپەندى، خىتايدا جىنايەتچىلەرنى سازايى قىلىشنى چەكلەشكە دائىر قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :بۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. مەن بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قانۇن چىقىرىپ، جىنايەتچىلەرنى سازايى قىلىشنى چەكلەش دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلمىغانلىقىدىن ھەيران قالمايمەن. بۇ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل قانۇن سىستېمىسى ۋە قانۇن تۈزۈلمىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە."

خىتاي مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن بۇيان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ "جىنايى ئىشلار جازا قانۇنى"غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى ئازايتىش، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ياش چەكلىمىسىنى بېكىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. سۆھبەت فوندى جەمئىيىتىدىكى جون كام، بۇ ئىسلاھات يولغا قويۇلسا خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئازىيىپ، قاتىللىق سادىر قىلمىغان جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىر بۇنىڭ "شەرت - شارائىتى پىشىپ يېتىلمىدى" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، جىنايەتچىلەرنى سازايى قىلىشنى بىكار قىلىشنىڭ خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش يولىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

لېكىن، چېن كۇيدﯤ ئەپەندى خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، "ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش زور مەسىلە. بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. مەن جۇڭگونىڭ بۇ يولغا قاراپ مېڭىشىنى كۆرۈشنى خالايمەن. لېكىن مەسىلە جۇڭگو بۇ نۇقتىغا تېز ئارىدا بارالامدۇ، دېگەن مەسىلىدۇر. چۈنكى، بۇنىڭدا كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى توسقۇنلۇقى مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، جەمئىيەتنىڭ توسقۇنلۇقى مەۋجۇت. جۇڭگو خەلقىدىكى قانغا - قان، جانغا - جان دەيدىغان كونا ئەنئەنىۋى قاراشنى يېڭىپ، ئۇلارنى زامانىۋى ئاڭغا ئىگە قىلىش تېز ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش بولمىسا كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت