يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ شىكايەتنامىسى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە

بىز تۈنۈگۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئالاقىدار تارماقلاردىن، يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ ئەرزى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگىنىمىزدە، ئۇلار ئەرزنى ئالدى بىلەن يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىغا يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-01-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۈگۈن بىز بۇ ھەقتە يېڭىسار ناھىيىلىك رېۋىزىيە ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئىدارە باشلىقى مەزكۇر ئەرىزدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېڭىسار ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەسىلە جامائەتكە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن يېڭىسار دائىرىلىرى دېھقانلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەس، ئىنكاسنى يوللىغان كىشىلەر يەنى ھېكىم سېيىت قاتارلىق دېھقانلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، يېڭىسار ساقچىلىرىنىڭ ھېكىم سېيىتنى ئەرىزدىن ۋاز كەچتۈرۈش  ئۈچۈن تەھدىت سالغانلىقى بىلىنمەكتە. ھېكىم سېيىت 2007 ‏ - يىلى مەزكۇر ئەرز سەۋەبلىك بىر قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە 15 كۈن قامالغان ئىدى؛ ئەمما تەھدىتلەرگە پەرۋا قىلماي ئەرزنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.

بىزنىڭ تۈنۈگۈندىن بۇيانقى ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدا، ھېكىم سېيىتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ساقچى خادىملىرى ھېكىم سېيىتنىڭ تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلمەكتە.

يېڭىسار ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دېھقانلارنىڭ ئەرزىدە مەسىلىنىڭ كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە جياڭدۇ تېرىش پىلانىدا زىيان تارتىش ئەمەس، پەقەت پايدىنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما شىكايەت فىلىمىدە ئىسپات بەرگەن دېھقانلار، ئۆزلىرىنىڭ جياڭدۇ تېرىش پىلانى سەۋەبلىك قەرزگە بوغۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يېڭىسار ناھىيىسىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش مەزكۇر ئەرز ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. بۇ ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيە رەھبەرلىرى جياڭدۇ تېرىش پىلانىنى دېھقانلارغا تاڭغان ۋاقتىدا، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ئەمەس، پەقەت ۋىلايەت ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداشنىلا ئاساسى مەقسەت قىلغان.

ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇلى يەنە، مەزكۇر ئەرزنىڭ 2007 ‏ - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشقا ئەينى چاغدا ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ مەسئۇل خادىم يەنە، جياڭدۇ تېرىش پىلانىنىڭ پەقەت 2007 ‏ - يىلى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى، 2008 ‏ - يىلدىن باشلاپ دېھقانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن تېرىقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل خادىمنىڭ بۇ سۆزلىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ سۆزلىرىگە زىت كەلمەكتە. چۈنكى ۋىلايەت تەرەپ، قەشقەردە تېرىقچىلىق پىلانىنىڭ ھېلىھەم بىر تۇتاش تۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق پىلانىدا قارار بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت