توقسۇندا قۇرۇلغان خىتاي زاۋۇتى زېھنى ئاجىزلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتتى

تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدە سىچۈەنلىك خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان جيا ئېرسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى خىمىيە سانائەت زاۋۇتى ئەقلى يېتىلمىگەن كۆچمەنلەرنى خارلاپ ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تاقىۋېتىلگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زاۋۇت سىچۈەننىڭ سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتىدىن ئېلىپ كەلگەن كىشىلەرنى ئۈچ ‏- تۆت يىلدىن بېرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاسىتىلەر بىلەن خارلاپ، ئىشلىتىپ كەلگەن ئىكەن.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2010-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنگلىيە، ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ 14 - دېكابىر تارقاتقان خەۋىرى
ئەنگلىيە، ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ 14 - دېكابىر تارقاتقان خەۋىرى
www.bbc.co.uk

بۇ ۋەقە شەنشىدىكى قارا خۇمدان ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايدا پاش بولغان يەنە بىر قېتىملىق مېيىپلەرنى قۇل قىلىش ۋەقەسى شۇنداقلا يەنە بىر ئىنسان ھەقلىرى سەتچىلىكى سۈپىتىدە دۇنيا مەتبۇئاتىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئەنگلىيە، ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ 14 - دېكابىر تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ كۈمۈش يېزىسىدا ئەقلى جەھەتتىن يېتىلمىگەن مەجرۇھلارنى قۇل قىلغان بىر خىمىيە سانائەت زاۋۇتى پاش بولغان. كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ زاۋۇتتىكى 12 نەپەر ئىشچى، سىچۈەننىڭ چۈشەن ناھىيىسىدىكى بىر سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئەقلى ئاجىز مەجرۇھلار بولۇپ، زاۋۇت ئىگىلىرى ئۇلارنى ئۈچ ‏- تۆت يىلدىن بېرى خارلاپ قۇل قىلىپ كەلگەن.

بۇ زاۋۇتقا مەجرۇھلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن چۈشەندىكى سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى زېڭ لىڭچۇەن، خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىغا شۇنداق ئىشچىلارنى يۆتكەپ كەلگەن ئىكەن. مەزكۇر سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتىدا يەنە زېھنى ئاجىزلاردىن 11 ئى، يەنە بىر قانچە زېھنى مەلۇم دەرىجىدە بىنورمال كىشىلەر بار ئىكەن.

بۇ مەجرۇھلارنى قۇل قىلىش ۋەقەسى، كۈمۈشتىكى بۇ زاۋۇت ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر تەرىپىدىن پاش قىلىنغان بولۇپ، پاش قىلغۇچىلار، بۇ زاۋۇتنىڭ كېچە ‏- كۈندۈز ئىش توختىتىپ باقمىغانلىقىنى، ئەمما زاۋۇت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇ ئەقلى ئاجىز ئىشچىلارنى قۇل ئورنىدا كېچە ‏- كۈندۈز ئىشلىتىپ بىرەر قېتىم ئىش ھەققى بەرمەيدىغانلىقىنى، دائىم ئۇرۇپ تىللاپ، ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋاسىتىلەر بىلەن خارلاپ قۇل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان. توقسۇن دائىرىلىرى ھازىر مەزكۇر زاۋۇتنى پېچەتلەپ، زاۋۇت ۋە ناھىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ -14 دېكابىر بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيە قانۇن ئورگانلىرى بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىپ،مەزكۇر ناھىيىنىڭ كۈمۈش يېزىسىدا قۇرۇلغان خىمىيە سانائەت زاۋۇتىنىڭ ئەقلى جەھەتتىن يېتىلمىگەن مەجرۇھلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەنلىك ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغانلىقى ۋە ناھىيىدىكى ئەمگەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، زاۋۇت ئىگىلىرى لى شىڭلىن بىلەن ئوغلى لى چىڭلۇڭلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس بايانات بەرگەن.

خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرى، كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن توقسۇندىكى مەزكۇر خىمىيە سانائەت زاۋۇتىغا -10 دېكابىر يەنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى بېرىپ مەخپىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئۇ زاۋۇت ئىچىدە ماسكىمۇ تاقىمىغان، پۈتۈن بەدىنى ھاك بولۇپ كەتكەن بىر قانچە ئىشچىلارنىڭ ھاك توشۇۋاتقانلىقىنى، بىر قانچە سائەت توختىماي ئىشلىسىمۇ، بىرەرسىنىڭ ئۇلارنى تاماققا چاقىرمىغانلىقىنى بايقىغان. مۇخبىر زاۋۇتنىڭ ئىگىسى لى شىڭلىندىن ئىشچىلار نېمە ئۈچۈن زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىدىغان كىيىم ياكى ماسكا تاقىمايدۇ دەپ سورىغاندا، " بىزنىڭ ئۇنداق ئەسلىھەلىرىمىز تولۇق ئەمەس، ماسكا تارقىتىپ بەرسەممۇ ئۇلار تاقىمايدۇ " دەپ جاۋاب بەرگەن.

شۇنداقلا بۇ ئىشچىلارنى-2008 يىلى -9 ئايدا سىچۈەندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامى بويىچە ئەكەلگەنلىكىنى، قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنىڭ تولۇقلۇقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئىشچىلارنىڭ ھەر ۋاق تامىقىدا گۆش، سەي بار، بېزىلەر يېڭى كەلگەندە بىرەر نەرسىنىمۇ كۆتۈرەلمەيتتى، ياخشى يېگەچكە ھازىر ياخشى ئىشلەيدۇ" دېگەن. ئەمما، مۇخبىر بۇ ئىشچىلارنىڭ سۇيۇقئاش ئىچىۋاتقانلىقىنى، سۇيۇقئاش بار كورىنى ئىككى ئىتنىڭ ئارىلاپ ‏- ئارىلاپ كېلىپ يالاپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھەم سۈرەتكە تارتىۋالغان. بۇ مەجرۇھ ئىشچىلارنىڭ ياتىقىمۇ ئىنتايىن ۋەيران بولۇپ، كىچىك بىر ئېغىز ئۆيگە قويۇلغان سىم ياكى ياغاچ كارىۋاتقا كاردون قەغەزنىڭلا سېلىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن.

ئۆزىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى سېزىپ قالغان زاۋۇت ئىگىسى لى، ئائىلىسى ۋە ئەقلى مەجرۇھ ئىشچىلارنى ئېلىپ -12دېكابىر چىڭدۇغا قاچقان، چىڭدۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بىلەن توقسۇن دائىرىلىرى ماسلىشىپ -13دېكابىر ئۇلارنى تۇتۇپ كەلگەن.

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە توقسۇن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، توقسۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق ئەمما ئۇلار زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

بۇ خىل قۇل قىلىش ۋەقەسىنىڭ خىتايدا تۇنجى قېتىم پاش بولۇشى ئەمەس. 2007 - يىلى شەنشىنىڭ كان ئاستىدا 1000 دىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ۋە مەجرۇھلارنىڭ قۇل قىلىنىش ۋەقەسى دۇنيانى چۆچۈتكەن ئىدى.

مەزكۇر ۋەقە قايتىدىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ۋاشىنگتوندىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىدىن ئەن جۇ ئەپەندى مەزكۇر خەۋەردىن ئۆزىنىڭ قاتتىق چۈچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

بۇ ۋەقە خىتايدا بىرىنچى قېتىم پاش بولۇشى ئەمەس، بۇ خىل ۋەقەلەر خىتايدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەخلى ‏- تەرۈزغا ئۇچرىشىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى، مەجرۇھلارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنىڭ قانداق دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي قانۇنىنىڭ بۇ جەھەتتىكى يوچۇقلىرىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئەڭ ئېغىر تەرىپى خىتايدا جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ، ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ قايسى دەرىجىدە يىرگەنگۈدەك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى، سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش ئورنى ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئىشلىرى ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان، دائىرىلەر بۇ ۋەقەنى ‏- زېھنى ئاجىزلارنى قۇل قىلىپ سېتىشنى شەخسلەرنىڭ قىلمىشىغا ئارتقان تەقدىردىمۇ، باشقۇرۇش جەھەتتىكى بوشلۇققا يەنىلا ھۆكۈمەت جاۋابكار بولۇشى كېرەك".

تولۇق بەت