«ماناس بۇيىدا تۇتقۇن» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

يېقىندا، «ماناس بۇيىدا تۇتقۇن» ناملىق كىتاب مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ماناس بۇيىدا تۇتقۇن» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2012-يىلى ماي، تۈركىيە.
«ماناس بۇيىدا تۇتقۇن» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2012-يىلى ماي، تۈركىيە.
RFA/Arslan

بۇ كىتابنى ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان يازغۇچى سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم يازغان. بۇ كىتاب، بەدەۋلەتنىڭ قېچىشى، خىتاي بالىلىرىنى سېتىشقا ئېلان چىقىرىش، ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى كوچىسىنىڭ تارىخى، نوغاي تاتار مەسچىتىنىڭ سېلىنىشى، سوۋېتلار سايوزىدىكى ئاچارچىلىق، ئۈرۈمچىدە مائارىپنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مەكتەپلەر، خەلق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تاتارلارنىڭ قىسقىچە سەنئەت تارىخى، قانخور جاللات شىڭ شىسەينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سالغان زۇلۇمى، تاتارىستاندىن كەلگەن خەت، بۇۋام ئەخمەت نەجىپنىڭ ۋاپاتى، تاتار مەكتەپ، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ كىرىشى، يەر ئىسلاھاتى، ستالىننىڭ ئۆلۈمى، ئوتتۇرا بالتايغا ساياھەت، بۇلغارغا ساياھەت قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ كىتاب ئاساسلىقى يازغۇچى سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم چوڭ ئانىسىنىڭ سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە ۋە ۋەقەلىكلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بوۋىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرد - ئەلەم، كۈلپەتلەرنى ئىپادىلەش ئارقىلىق شۇ دەۋردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالاسى-ئاپەتلەرنى تەسۋىرلىگەن.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا كىتابنى تەھرىرلەپ نەشرگە تەييارلىغان ۋە نەشر قىلغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ۋە بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم بىلەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت