ھاجىلىقنىڭ تەقەززاسى ۋە ھەج ئىبادىتىنىڭ ھېكمەتلىرى

مەلۇمكى، ھەج ئىبادىتى ئىسلام ئىبادەتلىرىنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنى ئىقتىساد ۋە تەن ساقلىق جەھەتتىن شەرتى توشقان ئادەملەرنىڭ قىلىشى پەرزدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-10-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن مۇسۇلمانلار ئەرەفاتتا تۇرماقتا. 2012-يىلى 25-ئۆكتەبىر، سەئۇدى.
ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن مۇسۇلمانلار ئەرەفاتتا تۇرماقتا. 2012-يىلى 25-ئۆكتەبىر، سەئۇدى.
AFP

ھاجىلىقنىڭ تەقەززاسى ۋە ھەج ئىبادىتىنىڭ ھېكمەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ دىكتورى ياسىن ھاجىمغا بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ياسىن ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ياسىن ھاجىم ھاجىلىقنىڭ تەقەززاسى ۋە ھاجىلىق قانداق بولۇشى كېرەك دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ھەج پائالىيەتلىرى توغرىلىق ئىزدەنگەن كىشى ھەجنىڭ پەقەت ئىنسانلارنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدىغان، تەقۋادارلىقنى ئاشۇرىدىغان ۋە ياخشىلىق سۆيەرلەردىن قىلىپ چىقىدىغان تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم تونۇپ يېتىدۇ. ھاجى ئاللانىڭ بەيتىدە ۋە باشقا مۇقەددەس جايلاردا ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، ئاللاھ مۇقەددەس قىلغان مۇبارەك جايلارنى ئۇلۇغلاش، ئۇلۇغ ھەج ئايلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش ۋە ئاللانىڭ ئەمر ۋە مەنئىلىرىگە رىئايە قىلىشتەك ياخشى ئىشلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ ۋە يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىنمۇ، ھەج جەريانىدا مۇقەددەس جايلاردا ئالغان تەربىيىسى بويىچە يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويىدۇ، بۇرۇنقى يېتەرسىزلىكلىرىنى تاشلاپ يېڭى ئالغان تەربىيىسى بويىچە ئىش كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ئۇنىڭ ئىبادىتى، مۇئامىلىسى ۋە ئەخلاقىدا نامايان بولىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدا يەرلەشكەن ئېسىل پەزىلەتلەردىن تەسىرات ئالىدۇ. ھاجى ئىككى ھەرەم ۋە باشقىمۇ مۇقەددەس جايلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاشنى ئۆگىنىش جەريانىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش ۋە مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ خۇددى ئىككى ھەرەم بىلەن ئۇلۇغ ھەج ئايلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە مۇقەددەسلىكىنى قوغداشقا ئوخشاش دىنىي زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

ئەرەفات كۈنى ئىسلام نەزىرىدە مىسلى بولمىغان ئەڭ ئۇلۇغ كۈندۇر. بىراق بۇ كۈننىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلەلمىگەن ۋە ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلار ئۈچۈن بۇ كۈننىڭ باشقا كۈنلەردىن پەرقى يوقتۇر. ئەرەفات سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ تونۇش ۋە تونۇشۇش دېگەنلىك بولۇپ، ھەج قىلىشتىن بولغان مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش بولغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى، ئىنئاملىرىنى ۋە مەغپىرىتىنى تونۇش ۋە ئېرىشىش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئۆز-ئارا تونۇشۇش، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاق، ياخشى ئادەت ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئۇلارغا نامايان قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاق، ياخشى ئادەتلىرىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىنىش ھەم قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

شۇ ئېنىقكى، ھەرەمگە كېلىپ ئەرەفاتتا تۇردۇق، ھەرەمنى تاۋاپ قىلدۇق، قۇربانلىق قىلدۇق ۋە باشقا ۋاجىبلارنى ئادا قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ ئۇنىڭ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولدۇق، دەپ مەغرۇرلىنىپ، كەلگەن پېتى كېتىش ناقىسلىق ۋە يېتەرسىزلىكتۇر.»

نېمە ئۈچۈن ھەججىسى قوبۇل بولغان ئادەم ئانىسىدىن تۇغۇلغاندەك بولىدۇ؟

ياسىن ھاجىم «نېمە ئۈچۈن قىلغان ھەججىسى قوبۇل بولغان ئادەم پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ، خۇددى مەسۇم بۇۋاقتەك پاك بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن باشقا ئىبادەتلەرنى قىلغانلارمۇ بىر كۈندىلا شۇنداق پاك بولمايدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«چۈنكى، ھەججىسى قوبۇل بولغان كىشىنىڭ ئېتىقادىدا، ئەخلاقىدا ۋە باشقا تەرەپلىرىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. چۈنكى، ھەج شۇنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇنداق كىشىنىڭ ئىمانى يېڭىدىن جانلىنىدۇ، ئەخلاقى يېڭىدىن گۈزەللىشىدۇ، ئىخلاسى يېڭىدىن كۈچلىنىدۇ، مۇندىن باشقا ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرى، ھەرىكەتلىرى، كىشىلەرگە قىلىدىغان مۇئامىلىلىرى، گەپ سۆزلىرى ياخشىلىققا، تاكامۇللۇققا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، خۇددى ئۇ ئانىسىدىن ئەمدى تۇغۇلغان مەسۇم بۇۋاققا ئوخشاش يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەندەك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. مۇنداق كىشىنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاك بولۇپ، مەسۇم بۇۋاقتەك بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ھەججىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولغان كىشىنىڭ خۇددى مەسۇم بۇۋاقتەك گۇناھلاردىن پاك بولىدىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان شەكسىز ھەقىقەت.»

ھەجنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟

ياسىن ھاجىم بىراۋنىڭ ھەججىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ھاجىنىڭ قىلغان ھەججىسىنىڭ قوبۇل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ياكى ھەقىقىي ھاجى بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ئۇنىڭ ھەجدىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ھاجىنىڭ قىلغان ھەججىسىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسىدا پەۋقۇلئاددە بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىغان، ئۇنىڭ ئىمانىنى كۈچلەندۈرەلمىگەن، ئەخلاقىنى ياخشىلىيالمىغان ۋە باشقا تەرەپلىرىنى بۇرۇنقىسىدىن ياخشىلىققا ئۆزگەرتەلمىگەن بولسا، بۇنداق ھەجنىڭ ساياھەتتىن پەرقى بولماي قالىدۇ. ھەرەمگە كەلگەن ئادەم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھاجى بولۇۋېرىدۇ. ئەمما كېرەك بولغىنى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھاجى بولۇشتۇر. ھەقىقىي ھاجى خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق مەنىۋى ھىدى بىلەن خەلقىگە گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ پۇراقلىرىنى چاچىدۇ. خەلقى ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. ھەقىقىي ھاجى مۇسۇلمانلىقتا، ۋەتەنپەرۋەرلىكتە، گۈزەل ئەخلاقتا ۋە باشقىمۇ بارلىق ياخشىلىقلاردا خەلقىگە ئۈلگە بولىدۇ.»

ئەرەفات كۈنىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

ياسىن ھاجىم ئەرەفات كۈنىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«ئەرەفات كۈنى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ئەڭ شەرەپلىكىدۇر. ھەج ئىبادىتى مۇسۇلمانلارنىڭ يىللىق چوڭ قۇرۇلتىيىدۇر. مۇسۇلمانلار ھەجدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قۇرۇلتايدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق بىر بىرى بىلەن تونۇشىدۇ، ئىسلامىي قائىدە، يوسۇنلارنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى بىر بىرىدىن ئۆگىنىدۇ. ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ كۈچلۈك رىشتىسىنى ھېس قىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئەقىدىسى بىر، ئىلاھى بىر، ئىبادەتلىرى بىر، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم» دىن ئىبارەت تىلى بىر ۋە ئاپئاق ئېھرامدىن ئىبارەت كىيىنىشى بىر خىل بولۇپ، ئۇلار ئىسلام دىنىدىكى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈلگىسىنى بۇ جايدا كۆرىدۇ. بۇ جايدا بايدىن گاداينى، پادىشاھتىن پۇقرانى ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ. ھەممىسى بىرخىل قىياپەتتە بولۇپ، ئاللانىڭ ئالدىدا شۇنداق ھەممە ئوخشاشلا بەندە ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت