ئىستانبۇلدا ئانا تىل سىنىپىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2010 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ‏- زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاقدېڭىز كۈلتۈر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، قۇرئان كەرىم ۋە ئانا تىل تەربىيىسى دېگەن نام ئاستىدا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 ‏- ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 ‏- ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

مۇراسىمغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ‏ - ئانىلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقساراي رايونلىرىدا، مەخسۇس ئۇيغۇر ئانا تىلى سىنىپى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ سىنىپلاردا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 7 ياشتىن 15 ياش ئارىسىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇدى.

بۇ سىنىپلاردا ئاساسلىقى، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، كىچىك سۈرىلەردىن يادلاش، ئۇيغۇر تىلىنى يېزىش، ئوقۇش ۋە سۆزلىشىش توغرىسىدا دەرس ئۆتۈلگەندىن سىرت يەنە ئەدەب ‏- ئەخلاق، ئىسلام دىنىدىن مەلۇمات، ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ ‏- ئادەتلىرى ھەققىدە دەرس ئۆتۈلدى.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﯦﻜﻠﯩﻨﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﯦﻜﻠﯩﻨﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. RFA Photo / Arslan

بۇ سىنىپلاردا 2010 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى دەرس باشلانغان بولۇپ 8 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنىگىچە 2 ئاي داۋام قىلدى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆتۈلگەن دەرسلەر ھەققىدە ئىمتىھان ئېلىنىپ، ياخشى ئوقۇغانلار دەرىجىلەر بويىچە ئۈچ تۈرگە ئايرىلىپ مۇكاپات بېرىلدى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى، مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

مۇراسىمدا يەنە، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساكا ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئاتاۋۇللا قارى سۆز قىلدى.

مۇراسىمنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە، ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشا ‏- ئۇسۇللىرىنى تەقدىم قىلدى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. ئۆسمۈرلەر يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇم ‏- ئىسكەنجىلىرى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىتوت تەقدىم قىلدى. ئوقۇغۇچىلاردىن بىر گۇرۇپپا ئۆسمۈرلەر ساما ئۇسۇلى ئوينىدى.

مۇراسىم ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بويۇملىرى تارقىتىلدى. بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر ئوقۇغۇچىغا بىر تال تۈركىيەنىڭ يېرىم جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۆت ئوقۇغۇچى چارەك جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 7 ئوقۇغۇچى بىر تالدىن كىچىك ئالتۇن بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئاخىرىدا ئانا تىلى سىنىپىدا كۇرسقا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا قول سائىتى قاتارلىق ماددى بويۇملار مۇكاپات بېرىلدى.

مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىغا ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى ۋە ھەدىسلەر توپلىمى دېگەن 9 قىسىملىق كىتاب ھەقسىز تارقىتىلدى.

بىز مۇراسىم ئاخىرىدا مۇراسىمغا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئانا تىل سىنىپى ۋە بۇ مۇراسىم توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت