'يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا گىئوسىياسىتى ' ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

"يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا گىئوسىياسىتى" ناملىق كىتاب بىلگى كۇلتۈر سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب ئەسلىدە يازغۇچى مۇھەممەد رىزا ۋە دىجالى تىئېررىي كېللنېر تەرىپىدىن فرانسۆز تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تۈركىيە چەكمەجە يادرو سىناق ‏تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر رىشات ئۇزمەن تەرىپىدىن تۈركىچىگە تەرجىمە قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯩﻠﮕﻰ ﻛﯘﻟﺘﯜﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﮔﯩﺌﻮﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯩﻠﮕﻰ ﻛﯘﻟﺘﯜﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﮔﯩﺌﻮﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Arslan

ئاپتور كىتابتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى كۈچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىشى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاجىز نوقتىلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ تىل، دىن ۋە كۈلتۈر ‏- مەدەنىيەت بىرلىكى بىر كۈنى بۇلارنى بىر ‏- بىرىگە بىرلەشتۇرىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچىنى خىتاي ئۆزىگە تەھدىت دەپ بىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

بۇ كىتاب ئاساسلىقى بىر مۇقەددىمە، 6 بۆلۈم ۋە بىر خاتىمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق يېزىلغان:

"ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ بولۇشىغا قارشى تۇرغان رۇسىيە، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش پىكىرىنى قوغداش بىلەن بىرگە، ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈپ، بىرلەشمە بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېڭىلاپ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بەك ئاكتىپ ھالدا بىر سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ خۇسۇسەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرى كۈچلۈك بىر ۋەزىيەتكە كەلدى. خىتاي ھاكمىيىتى 11 ‏- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىمە ئىقتىسادى، سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىنى تاللىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىمتىيازىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى رولىنى يېڭىدىن ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى. بېيجىڭ بىلەن موسكۋا رايونلۇق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق يارىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكىنى يالغۇز قويۇش مەقسىتىدە رايونلۇق بىر توسما قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى ئىچىگە، ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىراننى قوشۇپ كىرگۈزۈشكە كېلىشىم قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى دېھلى، ئىسلام ئاباد ۋە تېھران، ئەنقەرە ۋە توكيۇلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قىزىقىشقا باشلىدى. باكو، تىپلىس - جېيھان نېفىت تۇرۇبىسى لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى كافكازىيە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاق دېڭىزغا قاراپ ئېقىشىدا يېڭى بىر دەۋىر پەيدا قىلدى. بۇنىڭغا پاراللىل قىلىپ، قازاقىستان زېمىنىنىڭ شەرقىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىغا ئۇلايدىغان نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى، كەلگۈسى ئۈچۈن ھېچ كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ياۋرۇ ‏- ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرق تەرىپىگە يۈنىلىنىشىگە ئوخشاش بىر جەريان پەيدا قىلدى."

كىتابتا يەنە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رىقابىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان:
 
"سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۈمۈرگۈچىلىكىگە خاتىمە بېرىلدى ۋە تارىختىكى رۇس ئىمپىراتۇرلۇقى بىلەن مانجۇ ئىمپىراتۇرلۇقى ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنكەن زېمىنلارغا دىققىتىمىزنى تارتىدۇ، رۇسىيە ئۆزى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىندى. ئەمما خىتاي مانجۇ، چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئىمپىرىيالىزىمدىن مىراس قالغان شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش بىر رايوننى قول ئاستىدا تۇتۇشنى داۋام قىلماقتا. بۈگۈن سوغۇق ئۇرۇش دەۋىرىدە چىقماس كوچا دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەيدانى بىلەن شەرقىي تۈركىستان رايونى، ئاسىيا ۋە ياۋرۇپاغا ئۆتۈشنىڭ كۆۋرۇك ۋە كېچىش نوقتىسى بولغان تەبىئىي ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. 1991 ‏- يىلدىن بىرى ئوتتۇرا ئاسىيا يېڭىدىن كۈچلۈك خىتاينىڭ تەسىر ئاسىتىدا قالدى. ئامېرىكا ئىستراتېگىيە باھالاش ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ ئويۇننىڭ 21 ‏- ئەسىردە ئامېرىكا بىلەن خىتاينى قارشىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ئانالىز، رايوندىكى ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، كۆپتۈرۈۋەتكەندەك تۇيۇلسىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتا، ئون يىلدىن ئاز بىر ۋاقىتتا خىتاي ھەقىقەتەن ئوتتۇرا ئاسىيا سەھنىسىدە مۇھىم بىر رول ئوينىماقتا."

كىتابتا يەنە، خىتاينىڭ پايدا ‏- مەنپەئەتلىرى ۋە ئاجىزلىقلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:

"شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۈچ تەرەپلىمە پايدا ‏- مەنپەئەتى بار. ئاساسلىقى بىخەتەرلىك، سودا ‏- تىجارەت ۋە تەبىئىي گازلارنى يۆتكەش. ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي چېگرالىرىدا يېڭىدىن مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكى، خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنىلىرىنىڭ ئىچىدىكى مەخپىي ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئەڭ مۇھىمى تۈرك تىل ‏- مەدەنىيەتلىرىگە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاينى كەڭ دائىرىلىك ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەجبۇر قىلماقتا. بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ مىللىي پۇراققا ئىگە بولغانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامى ئېقىم ۋە مىللەتچى ئېقىملارنىڭ خىتاي تەسىرىدىن يوقىرى ئىكەنلىكى بېيجىڭ دائىرلىرىنى تېخىمۇ قايغۇلاندۇرماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى، ئافغانىستان، تاجىكىستان ياكى پەرغانە ۋادىسىدا يۈز بەرگەن ۋەزىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىشىدىن قورقماقتا. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر بىلەن چېگرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى خەلقلەرنىڭ كۈچلۈك دىنىي، مىللىي، تارىخىي ۋە كۈلتۈر مۇناسىۋەتلىرى مەۋجۇت. خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلالايدىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياكى ئافغانىستاندا ئارقا سەپلىرىنىڭ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن بىر داۋالغۇش شەرتسىز ھالدا شەرقى تۈركىستانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە بېيجىڭ بۇ يېڭى قوشنىلىرى ئىچىدىكى يېڭى ۋەزىيەتلەرنى بەك دىققەت بىلەن كۈزىتىپ كەلمەكتە. 1990 ‏- يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانىغا ئالغان ئىچكى باستۇرۇشلارنىڭ ئارتىشى ئوخشاش ھالدا خىتاي چېگرىلىرىنىڭ يېڭىدىن سىزىلىشىغا ئوخشاش سەزگۈر بىر مەسىلە بەس ‏- مۇنازىرە قىلىنماقتا."

كىتابتا يەنە مۇنداق يېزىلغان:

"خىتاي، ئومۇمىي چۈشەنچىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئارتىشىنىڭ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئۆزىگە تەھدىت بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ رايوندا ئامېرىكا ئىستراتېگىيىسى دەسلەپتە، رۇسىيىنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ۋاشىنگىتوننىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتايدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان بەزى ئاز سانلىق كۈچلەرگە ياردەم قىلىش ئېھتىمالىدىن قايغۇلانماقتا. دېمەك بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، بۇ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك ئاجىزلىقىنىڭ ۋاشىنگىتون تەرىپىدىن قوللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. خىتاي بۇ جەھەتتە، قوشنىلىرىغا بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ خىتاي ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ ئېھتىماللىققا چەكلىمە قويۇشنى خالايدۇ. ھەر قانداق ۋەزىيەتتە بۆلۈنۈش مەسىلىسى ھەققىدە بېيجىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە ئىشىنىپ كەلمەكتە. دېمىسمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك خىتايغا قارشى چىقىشنى خالىمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ. ئەسلىدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا كۆپ ساندا ئۇيغۇر خەلقى ياشىماقتا. خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنى نامرات قالدۇرۇش، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى ئازايتىشتا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارىماقتا ۋە شۇ ئۇسۇلدا سىياسەت يۈرگۈزمەكتە."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت