قازاقىستاننىڭ تىل سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رولى ھەققىدە

يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە تەييارلانغان تىل سىياسىتى بويىچە دۆلەت پروگراممىسى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻧﯘﺭﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻧﺎﺯﺍﺭﺑﺎﻳﯧﯟﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﻼﻣﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻧﯘﺭﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻧﺎﺯﺍﺭﺑﺎﻳﯧﯟﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﻼﻣﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستان ھۆكۈمىتىدە دۆلەت تىلىغا بېغىشلانغان يىغىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى قازاقىستاندىكى تىللار بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلاندۇرۇش بويىچە تۈزۈلگەن يېڭى دۆلەت پروگراممىسىنىڭ لايىھىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. مەزكۇر يىغىنغا ھۆكۈمەت، ھۆكۈمەتتىن سىرت تەشكىلاتلار، مىللىي - مەدەنىي بىرلەشمىلەر، بىلىم مەھكىمىلىرى ۋە ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئالىملار، تىلچىلار ۋە باشقىلار قاتناشقان.
 
قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرى مۇختار قۇلمۇھەممەت 2011 - 2020 - يىللار مابەينىدە قازاق، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت سىياسىتىنىڭ پىلانىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن بىر ئېغىزدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ لايىھىدە دۆلەت تىلى بولغان قازاق تىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ، ئۇنى يەنىمۇ بېيىتىشنىڭ، بۇ جەرياندا باشقا تىللارنىڭمۇ راۋاجلىنىشىغا نەزەر ئاغدۇرۇشنىڭ يوليورۇقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىندىن بىر ئاز ۋاقىت ئىلگىرى، ھۆكۈمەت باشلىقى كەرىم مەسىموف ئون يىلدىن كېيىن ھەر بىر قازاقىستان پۇقراسىنىڭ دۆلەت تىلىدا ئەركىن سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ پروگراممىدا ھەر يىلدا، ھەتتا ئون يىلدىن كېيىنكى ۋاقىتتىمۇ بۇ يۆنىلىشتە قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ پىلانلىرى مۆلچەرلەنگەن. باش مىنىستىرنىڭ پەرىزىچە، 2020 - يىلىغا قەدەر دۆلەت تىلىنى ئىگىلىگەن قازاقستانلىقلار 95 پىرسەنتنى، رۇس تىلىنى ئىگىلىگەنلەر 90 پىرسەنتنى، ئىنگلىز تىلىنى ئىگىلىگەنلەر بولسا 20 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن.

مەدەنىيەت مىنىستىرى دۆلەت تىلىنى راۋاجلاندۇرۇشتا بىلىم دەرگاھلىرىنىڭ ئاتقۇرىدىغان رولىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى. بالىلار باغچىسىدىن تارتىپ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغىچە بولغان بارلىق مەكتەپلەردە، قازاق، رۇس ۋە باشقىمۇ مىللىي مەكتەپلەردە قازاق تىلىنى ئوقۇتۇشنىڭ يېڭى يوللىرىنى بەلگىلەش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. "قازاخبارات" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ھازىرقى ۋاقىتتا قازاقىستاندا 7576 مەكتەپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ 3811 ئى تازا قازاق مەكتەپلىرى ئىكەن. ئۇلاردا بىر يېرىم مىليوندىن ئوشۇق بالا ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە ئۆسمەكتە. قازاق تىلىنى ئىگىلىمەكچى بولغان باشقا مىللەتلەر ۋەكىللىرى سانىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىغىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلار بويىچە 1999 - يىلى قازاق تىلىدا ئەركىن سۆزلەيدىغانلارنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار، ئۆزبېكلەر، تۈركلەر تەشكىل قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە ئون مىليونغا يېقىن قازاقىستانلىق دۆلەت تىلىدا ئەركىن سۆزلىيەلەيدىكەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىلشۇناس ئالىم باراتوف شېرىپاخۇن ئەپەندى مەزكۇر تىل پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قانداق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى ھەمدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىكى رولى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت