' ئالتۇن ھىلال ئاي ' ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قارا سايە تاشلىماقتا

ئۇيغۇر ئېلى دائىرلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىۋاتقان دوكلاتلىرىدىن، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانىدا بارغانچە يۇقىرىلاش كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﭼﯧﻜﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.
ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﭼﯧﻜﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بولۇپمۇ بۇ، ئاساسلىق زەھەر كىرىش مەنبەسى بولغان ئىلگىرىكى "ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك" رايونىنىڭ ئورنىنى نۆۋەتتە "ئالتۇن ھىلال ئاي " ئاتالغان ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلارنىڭ ئىگىلىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەر كىرىدىغان جايدىن زەھەر ئىستىمال قىلىنىدىغان چوڭ رايونغا ئايلانغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ئالتۇن ھىلال ئاي ئۇيغۇر دىيارىنى سېتىش بازىسى قىلىۋالدى

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان زەھەرگە چېتىشلىق قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان " ئالتۇن ھالال ئاي " زەھىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سىڭىپ كىرىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ جىددىيلەشكەن. زەھەر تۈرلىرىمۇ بارغانچە كۆپەيگەن. زەھەر سېتىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان. چېگرا، تاموژنا، تاش يول، ھاۋا قاتناش ھەم پويىزغا ئوخشاش تۈرلۈك قاتناش ترانسىپورت يوللىرى ئارقىلىق " ئالتۇن ھىلال ئاي" دىن كىرىپ پاش بولغان زەھەرنىڭ مىقدارى 5.788 كىلوگرامغا يەتكەن.

شۇنداقلا بۇ يىل يانۋاردىن ھازىرغا قەدەر بولغان يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر دېلوسىدىن 749 ى پاش بولغان، 9 كىلوگرامغا يېقىن زەھەر قولغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ جەرياندا 740 جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان. بۇ ھېچقاچان ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر چەكلەشنىڭ ياخشى ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالاقىدار ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2000 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئېلىنغان زەھەر چەككۈچىلەر 12 مىڭ 590 بولغان بولسا، بۇ يىل بۇ سان 26 مىڭ 765 كە يېتىپ توققۇز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى رېكورتنى ياراتقان.

چۈنكى ئافغانىستاندىكى ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ زەھەر ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئايلىنىشى ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئاسىيا قىتئەلىرىگە تۇتاشقان زەھەرلىك چېكىملىك توشۇش يولىنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلى ئۇيغۇر ئېلى بولغاچقا، ئۇيغۇر ئېلى ھەم ئۇيغۇرلار ئالتۇن ھىلال ئاينىڭ ئەڭ زور زىيىنىغا ئۇچرىغان، يەنى بۇ دىيار ئالتۇن ھىلال ئايدىن زەھەر كىرىدىغان ۋە يەنە ئىستىمال قىلىنىدىغان جايغا ئايلانغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھلىرىنىڭ ھەرىكىتى چېگرىدىن شەھەرلەرگە يۆتكەلگەچكە، ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.

قەشقەردىكى مەلۇم ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، زەھەرگە ئۆگىنىپ قېلىپ ئوغرىلىق قىلغان بىر ئۇيغۇر ياشنى سوراق قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ساقچى ۋەزىپە ئۈستىدە سوئاللىرىمىزغا قىسقىلا جاۋاب بېرىپ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

زەھەر چەككەنلەرنىڭ زەھەر ئارتۇق كېتىپ ئۆلۈش ھادىسىسى كۆپەيمەكتە

زەھەرنىڭ ئادەمگە بولغان زىيىنى كۆپ تەرەپلىمە، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئۇ زەھەر چەككۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ پۈتۈن بەدەن ئورگانلىرىنى ئېغىر زەخمىلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، بېقىندۈرۈپ پۈتۈنلەي باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇرالايدۇ.

زەھەر چېكىشتىكى يۇقىرى خەتەرلىك قىلمىش، باشقىلار ئىشلەتكەن شپرىسنى ياكى يىڭنىنى ئورتاق ئىشلىتىش، بۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىز ۋە باشقا كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولۇۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ تومۇردىن ئۇرىدىغانلاردا يۈز بېرىۋاتقان يەنە بىر يۇشۇرۇن خېيىمخەتەر بولسا زەھەر چېكىپ قېتىپ قېلىش، يەنى زەھەر ئارتۇق كېتىش ھادىسىسىدۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە "پالانى زەھەر چېكىپ قېتىپ قاپتۇ" دېگەن سۆز، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ تومۇرىغا ئۇرۇپ تۇيۇقسىز ھاياتىدىن ئايرىلغانلىق ھەققىدە تارقىلىدىغان ئومۇملاشقان شۇم خەۋەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خىل قېتىپ قېلىش ئادەتتە زەھەر مىقدارى ئارتۇق كېتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، زەھەرلىك چېكىملىك مىقدارى بەدەننىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەندە يۈز بېرىدىغان ئېغىر ئالامەتلەر ياكى ئۆلۈش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك بۇ بىر خىل بەدەننىڭ زەھەرلىنىشى.

ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرنىڭ بارغانچە يامرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇ ئارتۇق كېتىش خەتىرى يېقىندىن بۇيان پەۋقۇلئاددە كۆپەيدى؟ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئالتۇن ھىلال ئايدىن بىۋاستە كىرىۋاتقان زەھەرنىڭ ساپلىق مىقدارى ئىلگىرى خىتايدىن يەنى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن زەھەر يەنى خىروئىننىڭ ساپلىق مىقدارىغا نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئالتۇن ھىلال ئاي خروئىنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك قاراڭغۇ بازارلىرىغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا قېتىپ قېلىش ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈش ھادىسىلىرى كۆپەيمەكتە ئىكەن.

زەھەرلىك چېكىملىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىدە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقتىن ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرگە ئۆگىنىپ قالغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش ئۆسمۈرلەر، شۇنداقلا ئۇلار خەتەرلىك، يوچۇن جايلاردا كىشىلەردىن، ساقچىلاردىن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ يالغۇز ھالدا زەھەر چېكىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە ھاللاردا زەھەر چەككۈچىلەر زەھەر ئارتۇق كېتىپ قېتىپ قالغاندىن كېيىن يەنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بايقالماقتا.

زەھەر ئارتۇق كېتىش ۋە بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق قىلىش، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى خروئىن چەككۈچىلەرنى دېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوختۇر غەنى، بىر قانچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىگە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تەسىرى رەسمىي كۆرۈلگەن 10 يىلدىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەشتە ئاساسلىق كۈچىنى يەنىلا زەھەر چەككۈچىلەرنى تۇتۇش ۋە ۋاقىتلىق تىزگىنلەشكە قارىتىپ، زەھەرنىڭ كىرىش مەنبەسى يەنى تارقىلىشىنى چەكلەشكە سەل قارىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەر چەكلەشكە سەل قاراۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق باياناتى بېرىپ، "خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا قارىتىلغان، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىكنى ھەقىقەتەن چەكلەيمەن دېسە، ئەنە شۇ مۇقىملىققا ئاجراتقان كۈچىنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمى ئارقىلىقلا چەكلىيەلىگەن بولاتتى، ھالبۇكى خىتاينىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يامرىشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئەمەلىيەتتە زەھەرگە يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە،" دېگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت