مۇتەخەسسىسلەر: خىتايدا سۇ كەمچىللىكى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى سۇ قىسلىقى مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﯩﯖﺘﯘﻩﻧﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻻﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺳﯘ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻻﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﯩﯖﺘﯘﻩﻧﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻻﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺳﯘ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻻﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
http://china.huanqiu.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ كۆپلەپ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشقا سەرپ قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇلغا سۇ يۆتكەشنىڭ مەقسىتىمۇ يەنىلا بۇ رايونلاردىن كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان سۇ قىسلىقى ھەققىدە دوكلات بەردى. يىغىندا دوكلات بەرگەن كىشىلەرنىڭ بىرى خىتاينىڭ مۇھىت ئەھۋالى مۇتەخەسسىسى ئېلىزابېت ئېكونومىي بولۇپ، ئۇ دوكلاتىدا خىتايدىكى سۇ قىسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدىكى 40 تىن ئارتۇق ئوتتۇرا ۋە چوڭ شەھەر دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن « سۇ قىس» شەھەرلەر تىزىملىكىگە ئېلىنغان بولۇپ، خىتايدىكى 400 گە يېقىن شەھەر-بازار ئاساسەن دېگۈدەك يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىگىلا تايىنىپ قالغان. چوڭ شەھەرلەردىكى ئۆي-جايلارنىڭ 65 پىرسەنتى، سانائەتنىڭ 50 پىرسەنتى، يېزا ئىگىلىكىگە كېتىدىغان سۇنىڭ 33 پىرسەنتى يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرى ئارقىلىق تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، ھازىر خىتاينىڭ شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي رايونلارنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرى شىددەت بىلەن ئازايماقتا ئىكەن.

يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنىڭ كېمىيىشى نەتىجىدە، يەر چۆكۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تاشيول يېرىلىش، يەر ئاستى پويىز يوللىرىنىڭ گۈمۈرۈلۈشى ۋە پۈتكۈل بىر شەھەر-بازا خەلقىنى كۆچۈرۈشكە ئوخشاش ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرىدىغان بولۇپ، مۇھىت مۇتەخەسسىسى ئىلىزابېت ئېكونومىي سۇنىڭ كېمىيىپ بېرىشىنىڭ تەبىئىي ھالدا خىتايدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

-ھازىر خىتاي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ 60 پىرسەنتىنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدۇ. دۇنيادىكى پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپى خىتايغا ئىمپورت قىلىنماقتا. 1998-2008-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي ئىمپورت قىلىۋاتقان گۈرۈچكە ئوخشاش ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى 30 پىرسەنت ئۆرلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى سۇ قىسلىقى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكىدىكى «خىتاي مۇھىت مۇنبىرى» نىڭ دىرېكتورى جېننىفېر تۇرنېر خانىممۇ سۆز قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى سۇ مەنبەلىرى كۆپىنچە ھاللاردا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىغا سەرپ قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ، يېزا ئىگىلىكىگە ئاجرىتىلغان سۇنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

تۇرنىرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 20 پىرسەنتى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلگەنلىكتىن، خىتاينىڭ نىڭشيا قاتارلىق جايلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆتكەن 5 يىلدا تېرىقچىلىققا ئىشلىتىدىغان سۈيى 30 پىرسەنت كەملەپ كەتكەن. تۇرنېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇلغا سۇ توشۇش مەقسەت قىلىنغان غەربىي-شىمال سۇ قۇرۇلۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ رايونلاردا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇنىڭ خىتايدىكى سۇ مەنبەلىرى، مۇھىت ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا بىر مەزگىل سوغۇقچىلىق سالغان ئېرتىش دەرياسى مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي قازاقىستاندىنمۇ ئېقىپ ئۆتىدىغان ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى قازاقىستاننى ئويلاپمۇ قويماي قالايمىقان ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن مەسىلىنىڭ خەلقئارادا تىلغا ئېلىنىشقا باشلىنىشى ۋە باشقا سەۋەبلەرنىڭ تەسىرى بىلەن خىتاي ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى پىلانلىق ئىشلىتىشتە بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئىلىزابىت ئېكونومىي خانىم بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان.

بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، قازاق مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ ئېرتىش دەريا سۈيىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە قارشى ئاۋازلارنىڭ يۈكسىلىشى بولۇپ، خىتاي قازاقىستاندىن كۆپلەپ نېفىت ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى يامان قىلىۋېلىشنى خالىمايدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، قازاقىستان بۇ مەسىلىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ، مەسىلىنى شاڭخەي ھەمكارلىقىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتتا خىتاينىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان رۇسىيىگە ئوخشاش باشقا دۆلەتلەرمۇ بار. ئۈچىنچىسى بولسا، خىتاي ئۆز ئىچىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، قازاقىستانغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىلزابېت ئېكونومىي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانا بۇ يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئامىل خىتاينى ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە قازاقىستان بىلەن يامانلىشىپ قالماسلىققا مەجبۇر قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت