ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار ھەققىدە

ھەج سەپىرى ئادەتتىكى سەپەر ئەمەس. ئۇ ئىبادەت سەپىرى بولۇپ، بۇ يولدا ئالغان ھەر بىر قەدەمگە، تارتقان ھەر بىر جاپاغا ساۋاپ يېزىلىپ ماڭىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011-11-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىر كۈن ئىچىدە مەككىگە ھەج ئۈچۈن يىغىلغان 2 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان. 2010-يىلى 16-نويابىر.
بىر كۈن ئىچىدە مەككىگە ھەج ئۈچۈن يىغىلغان 2 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان. 2010-يىلى 16-نويابىر.
AFP

چۈنكى ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىگە چىققان ئادەم ئىسسىق ئۆيىنى، تەييار تائامىنى، بالا-چاقىلىرىنى تاشلاپ بۇ جاپالىق سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە تولۇقراق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇلھەلىم ھاجىمنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق.
ئابدۇلھەلىم ھاجىم تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتتى:
ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىگە ئاتلانماقچى بولغان كىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

  1. ھەج ياكى ئۆمرە قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ بۇ ئىبادەتلەر بىلەن پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلىشى شەرتتۇر. بۇ دۇنيادا «ھاجى» دېگەن ئاتاقنى ئېلىش ياكى دۇنيالىق مەنپەئەت كۆرۈشنى نىيەت قىلىپ بۇ سەپەرگە ئاتلانغانلار ئۆزلىرى مەقسەت قىلغان غايىسىگە يېتىشتىن باشقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دېگەن: (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ زىننىتىنى (يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.
  2. بالا-چاقىلىرىغا شەرىئەت ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىش، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغانلارنى تولۇق ئورۇنلاش ۋە توسقانلىرىنى تەرك ئېتىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىش.
  3. ئۈستىدە تۆلەشكە تېگىشلىك قەرزلەر بولسا تۆلەش، بالا-چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن رازىلىشىش. باشقىلاردىن ئېلىشى بولسا بالا-چاقىلىرىغا يېزىپ ۋە گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قالدۇرۇش، ۋەسىيەتلىرى بولسا قىلىۋېلىش.
  4. ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشنىڭ قائىدە-تەرتىپلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش، ھەج قوللانمىسىدىن بىرنى پۈتۈن سەپىرى بويىچە ئۆزىگە ھەمراھ قىلىش. بىلمىگەنلىرىنى بىلگەنلەردىن سوراپ ئۆگىنىش.
  5. پۈتۈن گۇناھلىرى ۋە خاتالىقلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىش. ھەقىقىي تەۋبە ― گۇناھ ۋە يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈش ۋە ئۆتكەن گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىش، شۇنداقلا گۇناھ ئىشلارنى قىلماسلىققا بەل باغلاشتۇر.
  6. ھەرەمگە بېرىپ كەلگۈچىلىك بارلىق چىقىملار ئۈچۈن ھالال پۇل ئىشلىتىش. چۈنكى ھەج ۋە ئۆمرە سەپىرى باشتىن ‏-ئاخىر ئىبادەتتۇر. ئىبادەتكە ھالال مالدىن باشقىسى يارىمايدۇ.
  7. ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىگە چىققان كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكىسىگە كۆز تىكمەسلىكى، ئىپپەتلىك بولۇشى ۋە ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ساقلىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىپپەتلىك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىپپىتىنى ساقلايدۇ، كىمكى كىشىلەردىن نەرسە سوراشتىن بىھاجەت بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز پەزلى بىلەن بىھاجەت قىلىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: «كىشىلەردىن نەرسە سوراشنى كەسىپ قىلىۋالغان ئادەم قىيامەت كۈنى يۈزىنىڭ گۆشى يوق ھالدا قوپىدۇ» دېگەن. ھەج ياكى ئۆمرىگە بارغۇچىلارنىڭ زاكات ۋە سەدىقە يېيىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى بۇ سەپەرگە يېتەرلىك ئىقتىسادقا ئىگە بولغان ئادەملا كېلىشى كېرەك. يېتەرلىك ئىقتىسادى بولمىغان ئادەمگە ھەجمۇ پەرز ئەمەس، ئۆمرە قىلىش مەسئۇللۇقىمۇ يوق.
  8. تازىلىققا، پاكىزلىققا زور ئەھمىيەت بېرىش. ئۆمۈر ئىچىدە بىرلا قېتىم نەسىب بولىدىغان بۇ ئۇلۇغ سەپەرگە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى كىيىپ چىقىش، كىيىم كونا بولسىمۇ يۇيۇپ پاكىز قىلىپ كىيىش، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئۆزىگە ۋە كىيىملىرىگە چېچىپ تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پاكلىقنى ياقتۇرىدۇ. ئۇ پاكىزدۇر، پاكىزلىقنى ياقتۇرىدۇ» دېگەن.
  9. ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىدە ئۆلىما، تەقۋادار، ئەخلاقلىق كىشىلەر بىلەن ھەمسەپەر بولۇش. پاسىق، ئەخلاقسىز كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش.
  10. پۈتۈن سەپىرى جەريانىدا، نامازلارنى ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىش، قۇرئان تىلاۋىتى، ئىستىغپار (ئاللاھتىن مەغپىرەت سوراش)، زىكىر (ئاللاھنى ياد قىلىش)، تەسبىھ (ئاللاھنى مەدھىيىلەش)، تەكبىر(ئاللاھنى ئۇلۇغلاش) قاتارلىقلار بىلەن كۆپ مەشغۇل بولۇش ۋە بۇ تېپىلماس پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت