پاكىستاندا ھەربىي سەپتە ئىشلىگەن ئۇيغۇر

1931-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان مىللىي ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى چەت دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ئىكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستان ئارمىيىسى تەركىبىدە ئەسكەر بولۇپ ئىشلىگەن مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەننىڭ ئائىلىسىمۇ، شۇ ۋاقىتتا چارىسىزلىقتىن چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلاردىن بىرى ئىكەن.

«قۇتادغۇ بىلىك»نى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىم «تۈركىستاندا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر» ناملىق ئەرەبچە ئەسىرىدە مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەن توغرىلىق مۇنداق دەپ يازغان: «مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەننىڭ دادىسى ئەسلى يەكەنلىك بولۇپ، يەكەندىن ئوقۇش ئۈچۈن ھىندىستانغا كەتكەن، ھىندىستاندا بۇ ئادەمنى بىلمەيدىغان ئۆلىما يوق دېيەرلىك. ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى بۇ كىشىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىكەن. ئۆزى ھەم كاتتا ئالىم بولغاننىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ناتىق ئادەم ئىدى. ئۇ ھىندىستاندىن قايتىپ كېلىپ يەكەندە تۇرغان. 1937-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن شەھىرىدىن ھىجرەت قىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن ۋە شۇ يىلى مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەن ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى دا دۇنياغا كەلگەن ئىكەن. كېيىنچە ھىندىستان ئىككىگە بۆلۈنۈپ پاكىستان دۆلىتى بارلىققا كەلگەندە، مەۋلىۋى مۇھەممەد ھەسەن پاكىستان دۆلىتى تەركىبىدە ياشاشنى داۋام قىلغان ۋە ئىلىم تەھسىلىنى پاكىستاندا ئوقۇشقا باشلىغان. كېيىن بۇ كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلدى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە رادىئوسىغا ئىشقا كىرىپ ئاز ۋاقىت ئىشلىگەندىن كېيىن يەنە پاكىستانغا قايتىپ كەتكەن.»

مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەننىڭ ھاياتى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەن كىچىكىدىن دىنىي ۋە پەننى ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 1958-يىلى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1964-يىلى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان دۆلەت ئارمىيىسى تەركىبىدە 7 يىل ئىشلىگەن. ئۇ كىشى پاكىستان ئارمىيىسى سېپىدە ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق مۇكاپاتىغا ۋە تەقدىرنامىسىگە ئېرىشكەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت