ئىبراھىم قارىم: 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى ئۇيغۇر خانىم، قىزلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى ھەققىدە توختالدى

5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە 2 يىل تولغان پەيتتە، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان دىنى زات ئىبراھىم قارىم 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن، ھەق-ئادالەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر خانىم، قىزلىرىغا ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2011-07-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى ئۇيغۇر خانىم، قىزلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى ئىسلام تارىخىدىكى سۈمەييە قاتارلىق ساھابى ئانىلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە دېدى.

ئۇ سۆزىدە ئىسلام تارىخىدىكى ئۆز دىنى، ئۆز قوۋمى، ۋە ئۆز ئىپپەت نومۇسىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئايال قەھرىمانلار ھەققىدە ئۆرنەكلەر بېرىپ، ئىسلام تارىخىدا ئۆز ۋەتىنى، ئۆز مىللىتىنى، ئەركەكلەرنى ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىنى قوغداش يولىدا ئاياللاردەك ھېسسىياتلىق، ئاياللاردەك قەھرىمان ۋە ئاياللاردەك جەڭگىۋار كىشى بولمىسا كېرەك دېدى.

ھازىر تورونتودا ياشاۋاتقان دىنى زات ئىبراھىم قارىم يەنە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر خانىم، قىزلىرىنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى، ئىسلام تارىخىدىكى ھەزرىتى مەريەم ۋە ھەزرىتى سۈمەييالارنىڭ قەھرىمانلىقلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت