ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارا مۇسابىقە ئاتاقلىق شائىر ئىلىيا بەختىياغا بېغىشلاندى

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇش پروگراممىسىدىن تاشقىرى يەنە زور تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر شائىرى ئىليا بەختىيار تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80-يىللىقىغا ئاتاپ يېزىلغان كىتاب.
ئۇيغۇر شائىرى ئىليا بەختىيار تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80-يىللىقىغا ئاتاپ يېزىلغان كىتاب.
RFA/Oyghan

بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مىللىي مەكتەپلەر، ناھىيىلىك، شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك بىلىم بېرىش ئورگانلىرى، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى، يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ ئاكتىپ ئارىلىشىشى بىلەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى، كۆرنەكلىك نامايەندىلىرىنىڭ ھاياتى ھەم پائالىيىتى بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي، ئەمەلىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئۇچرىشىشلار، ئىجادىي ئوقۇشلار ۋە باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. مۇنداق پائالىيەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي تارىخقا، مەدەنىيەتكە، سەنئەتكە، ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىنى ھاسىل قىلماقتا ھەم ئۇلاردا مىللەتپەرۋەرلىك، دوستلۇققا ئوخشاش ئالىي خىسلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

ئالماتادا ئەتراپىدا، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ھەر يىلى ئەنە شۇنداق يارقىن سىمالارنىڭ نامىغا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. بۇ يىل بولسا ئاتاقلىق شائىر ئىلىيا بەختىيانىڭ 80 يىللىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان ئوقۇغۇچىلار ئارا ئىجادىي مۇسابىقىلەر ئالماتا شەھىرى ۋە ناھىيىلەردىكى مەكتەپلەردە كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دەسلەپتە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارا، ئاندىن شەھەر ۋە ناھىيىلىك مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇنداق مۇسابىقىلەردە غالىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار يېقىندا ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چونجا يېزىسىغا قاراشلىق ئىلىيا بەختىيا نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆمۈر شۇنداق ئۆتىدۇ» ناملىق تاللاش مۇسابىقىسىدە باش قوشقان ئىدى. جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر پائالىيەتكە ئالماتا شەھىرىدىكى، شۇنداقلا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر، ئەمگەكچى-قازاق، ئۇيغۇر ۋە پانفىلوف ناھىيىلىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ساقىلار كومىسسىيىسىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف بۇ ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت