كۈرەش ئۆلمەيدۇ!

شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ياشلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2011-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ۋەتەن ئۈچۈن، ئەل بەختى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان كۈرەش كۈسەن ئەپەندى.
ۋەتەن ئۈچۈن، ئەل بەختى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان كۈرەش كۈسەن ئەپەندى.
RFA

بۇ يىل مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ۋاپات بولغانلىقىغا 5 يىل بولىدۇ. ۋەتەن ئۈچۈن، ئەل بەختى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ئەزىمەتلەرنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى يوقلاپ ئىش-ئىزلىرىنى، جەڭگىۋار ھاياتىنى كېيىنكىلەرگە نامايان قىلىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل ئەخلاقلىرىنىڭ بىرى.

مەرھۇم تۇغۇلغانلىقنىڭ 52-يىللىقى تولغان مۇشۇ كۈنلەردە شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ياشلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى. مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان قىرائەت قىلىندى ۋە ھاياتى تونۇشتۇرۇلدى.

مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنى قازاقىستاندىكى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ تونۇيدىغان ۋە پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان، ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان يۈسۈپ ئەپەندى مەرھۇمنى ئەسلەپ ئۆتتى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇشۈكۈر سامساق بۈگۈنكى قەبرە يوقلاش پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.

مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا «مېنى ئۆلدى دېسە كىم ئىشىنىدۇ، مېنىڭ ئۆلۈشۈم تەبىئىي، ئەمما كۈرەش ئۆلمەيدۇ » دېگەن ئىدى. دەرۋەقە ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى مەڭگۈ يېشىلمەس بىر سىر بولۇپ قالدى. بىراق ئۇ باشلىغان كۈرەش ئۆلگىنى يوق، ئۇنىڭ سەپداشلىرى، ئىزباسارلىرى ئۇ ئاچقان يولدا داۋاملىق ئىلگىرىلىمەكتە، كۈرەش مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇراسىمىنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە مەرھۇمنىڭ ئىجراسىدىكى «كۈرەش ئۆلمەيدۇ» دېگەن ناخشىغا قۇلاق سالغايسىلەر!

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت