سىز ئۆزىڭىز بولۇڭ

دۇنيادا ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى ۋە ئۆزگىچىلىكى بولۇپ، ئىنسان شۇ ئۆزگىچىلىكى ۋە خۇسۇسىيىتى بىلەن قىممەت يارىتالايدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالى« ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:« بەزىدە ئىنسان باشقا بىرىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشىغۇسى كېلىدۇ. مەسىلەن: بىراۋنىڭ نۇتۇق سۆزلەشتىكى ماھىرلىقىدىن تەسىرلىنىپ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ناتىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى، خۇسۇسىيىتىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى يوق قىلغان ھالدا، ئۆزى دورىماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئالىمەن دېيىش ئەخمەقلىقتۇر. چۈنكى خۇددى پويىز ئۆزىنىڭ رېلىدىن چىقىپ كەتسە توختاپ قالغاندەك، ئادەممۇ ئۆز خۇسۇسىيىتىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى يوقىتىپ قويسا ئىلگىرىلىيەلمەي قالىدۇ.

ئادەملەر ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزلىرىدىكى تەبىئىي قۇدرەتنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە ئىشقا سېلىشقا موھتاج. ئىنسان ئەگەر تىرىشىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىكى تەبىئىي قۇدرەت خۇددى ئۆسۈملۈكلەر يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك يېتىشىپ چىقىدۇ ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەممە ئۆز خۇسۇسىيىتى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆسىدۇ ۋە يېتىلىدۇ. مەسىلەن: خورما دەرىخىدىن ئۈزۈم چىقمىغاندەك، ئالما دەرىخى شاپتۇل بەرمەيدۇ.»

مەيدانى يوق ئادەمدىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ

ئەللامە مۇھەممەد غازالى يەنە مۇنداق دەپ يازغان: ھېكايە قىلىنىشىچە، رۇسىيىنىڭ زالىمى ستالىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن بىرىنى بىرلا سەۋەب تۈپەيلى تۇيۇقسىزلا مەنسىپىدىن ئېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ بولسىمۇ، بۇ ئەمەلدارنىڭ ستالىن سورىغان قانداقلا مەسلىھەتكە ستالىننىڭ كۆڭلىدىكىسى بويىچە پىكىر بەرگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەن. چۈنكى مۇنداق بىر ئەمەلداردىن ياخشىلىق كۈتكىلى ياكى ئۇنىڭ بەرگەن مەسلىھەتىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزگىچىلىكىدە ئۆز شەخسىيىتىنى ئېرىتىۋېتىش ۋە مەيدانسىزلىق ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي ئىللەتلەردىن بىرى بولۇپ، مەيلى سىياسىي، مەيلى دىنىي، مەيلى ئىجتىمائىي ساھەلەر بولمىسۇن، ھەممىدە ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە. ئىنسان ئۆزى بولماي باشقىسى بولۇشقا قاتتىق تىرىشسىمۇ بولالمايدۇ. دېئىل كارنېك مۇنداق دەپ يازغان:« سىز دۇنيادا ھېچكىمگە ئوخشىمايسىز، ئوخشاي دېسىڭىزمۇ ئوخشىيالمايسىز. چۈنكى، سىز يېگانە تەبىئەتكە ئىگە شەخسسىز. ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بىرى ئۆتمۈشلەردىمۇ سىزگە ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ھازىرمۇ يوق، كېلەچەكتىمۇ تا قىيامەتكىچە ھەر تەرەپتىن سىزگە ئوخشايدىغان بىرى يارىتىلمايدۇ. ئىرسىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ھەر بىر تۆرەلمىدىكى 23 جۈپ كۇرۇمۇزۇمنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەتلەردە ئۇنى باشقا تۆرەلمىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە باشقىسىغا قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىزاھلايدۇ.» دېمەك، سىز دۇنيادا ھېچكىمگە ئوخشىمايسىز. ئۇنداقتا، سىز ئۆزىڭىز بولۇڭ!

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت