قازاق زىيالىيسى ئابېن نۇرمانوف: مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچ سىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندىم

تارىختىن مەلۇمكى، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەشھۇر قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوف ئۆزىنىڭ قەشقەرىيىگە قىلغان ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىسى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ماكان ئەتكەن رايونلار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە باي مەلۇماتلارنى توپلىغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شۇنىڭدىن بۇيان 150 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ۋەقە بۈگۈنكى تارىخچىلارنىڭ، ھەر ساھە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى پەيدا قىلماقتا. شۇلارنىڭ بىرى، قازاقىستاندىكى تونۇلغان زىيالىي، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى، نوسترادامۇس نامىدىكى خەلقئارالىق تىلسىم سىرلار ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور ئابېن نۇرمانوف چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ قەشقەر ئېكسپېدىتسىيىسىدە باسقان يولىنى قايتا ئايلىنىپ چىقىش مەقسىتىدە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قانچە شەھەر ۋە يېزىلىرىدا زىيارەتتە بولۇپ قايتتى.

ئابېن نۇرمانوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سەپەر مەقسەتلىرى ۋە ئالغان تەسىراتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت