ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ 5-ئىيۇل پاجىئەسىدىن كېيىنكى پائالىيىتىگە قازاقىستاندىن بىر نەزەر

2009-يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011-07-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ (ﺋﻮﯕﺪﺍ) 2009-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻳﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﺍ
ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ (ﺋﻮﯕﺪﺍ) 2009-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻳﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﺍ
RFA

مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پۈتۈن مىللەتنى يوقىتىشقا، ئۇنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا قارىتىلغان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ باش مەقسىتى سۈپىتىدە بەلگىلىگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسىنى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسىدىن كېيىن ئۆتكەن ئىككى يىل داۋامىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئىستراتېگىيىسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا نىسبەتەن بولغان كۆز قارىشىدا قانداق مەۋقەلەر شەكىللەندى ؟ مانا بۇ كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن بولۇپ قالماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى رىزا سەمەدى مەزكۇر تېمىلار ئەتراپىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت