قازاقىستاندا ژۇرنالىستلار كۈنى نىشانلاندى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1997-يىلى 28-ئىيۇندا قازاقىستاندا «مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى توغرىلىق قانۇن» قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ھازىر جۇمھۇرىيەتتە 2695 ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، شۇ جۈملىدىن 2427 مەتبۇئات نەشرىياتلىرى ۋە 11 ئاخبارات ئاگېنتلىقى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

28-ئىيۇن كۈنى قازاقىستاندا ژۇرنالىستىكا كۈنى ئاتاپ ئۆتۈلدى. ژۇرنالىستىكا ساھەسى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. مەزكۇر ساھە بويىچە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنى تەييارلاش ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەخسۇس قولغا ئېلىندى. بۇ مەسىلە گېزىت، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشى ۋە تەشەببۇسى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن ئالماتادىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى، ھازىرقى ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتى يېنىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇچۇمكارلىرى ھازىر قازاقىستان ژۇرنالىستلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۆزلىرىگە ئارتىلغان مەجبۇرىيەتلەرنى مۇناسىپ ھالدا ئورۇنلىماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىلشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئۆكتەبىر ئاكا جامالدىنوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت