قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى تارىخىغا بىر نەزەر

يېرىم ئەسىردىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى سوۋېت ئىتتىپاق دەۋرىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن پەللىلەرگە قول يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆز تەرەققىياتىدا كۆپلىگەن توسالغۇلۇقلارغا، چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ، ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولغان ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسى دەسلەپتە مۇتەخەسسىسلەر كەمچىللىكىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، كۆپلىگەن مەسىلىلەر تەتقىقات نەزىرىدىن سىرت قالغان ئىدى.

ئەدەبىياتشۇناس تەتقىقاتچىلار بولۇپمۇ 1920-30-يىللاردا ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ، ئاساسىي جەھەتتىن، ئوتتۇزىنچى يىللارنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن سىياسىي تەقىبلەش قۇربانلىرىغا ئايلانغان شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا سوۋېت ئىدېئولوگىيىسى تەرىپىدىن چەكلىمىلەرگە ئۇچرىدى. شۇنىڭغا قارىماي قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى قەدىمىي، كلاسسىك ۋە زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئەمگەكلەرنى نەشر قىلدى ھەم سوۋېت ۋە قازاقىستان ئىلىم-پەنىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھەسسىسىنى قوشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۆرۈنەرلىك ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور مەخمۇت ئابدۇراخمانوف قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت