خىتايدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئويلايدىغان ياپونلۇقلار كۆپەيمەكتە

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋە ھازىرقى ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ھەققىدە توختالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ4 - ﻛﯜﻧﻰ  ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﮔﯘﺷﯩﻤﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ `ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ` ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ4 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﮔﯘﺷﯩﻤﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ `ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ` ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

8‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى، خەلقئارادا ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى دەپ ئاتىلىدىغان كۈندە، ياپونىيىدە ئۇرۇش توختىغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى دېگەن نامدا چوڭ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ياپون پادىشاھى ئاكىخىتومۇ ياسۇكۇنىغا كەلگەن

ياپونىيىدە چىقىدىغان ئاساخى شىنبۇن گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە ياپونىيىنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى نائوتو كان ياسۇكۇنىنى زىيارەت قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە ياسۇكۇنىدا ئابىدىسى بار كىشىلەرنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ ئالتە مىڭ ئادەم يەنىلا ياسۇكۇنىنى زىيارەت قىلغان.

ياپون پادىشاھى ئاكىخىتو، خانىش مىچىكومۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۈچ مىليون بىر يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خاتىرىلىگەن. بۇ پائالىيەتكە فرانسۇزلار ھوقۇقى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى جىين مارىي لې پەن، ئەنگلىيە مىللەتچى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئادام ۋالكار قاتارلىق ياۋروپادىكى ئوڭچى سىياسەتچىلەرمۇ قاتناشقان.

ياپونىيىدە خىتايغا بولغان كۆز قارشى ياخشى بولمىغان ئادەم سانى بۇلتۇرقىدىن كۆپەيگەن

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيىدىكى ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان 'ن پ ئو پىكىرلىرى' دېگەن گېزىت بىلەن خىتايدا ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'خەلق گېزىتى' ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان راي سىناشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ياپونىيىگە بولغان كۆز قارشى ياخشى بولمىغان ئادەم سانى بۇلتۇرقى 62% دىن 55% كە تۆۋەنلىگەن. ئەمما، ياپونىيىدە خىتايغا بولغان كۆز قارشى ياخشى بولمىغان ئادەم سانى بۇلتۇرقى 72% دىن 73% كە ئۆرلىگەن.

خىتايدا ياپونىيىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 'ياپونلار بىزگە تاجاۋۇز قىلغان' دېگەن تارىخىي مەسىلىنى تىلغا ئالىدىكەن. ياپونىيىدە خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ زامانىمىزدا ياپونىيىگە زەھەرلىك يېمەك ئېكسپورت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئالىدىكەن.

ياپونىيە تايمىس گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ياسۇكۇنىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىدىن كېيىن، ئاتوم قوراللىرىنى مەنئى قىلىش ئارقىلىق تىنچلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ياپونىيىدە ھازىر ھوقۇق تۇتۇۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كىلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيە --- ئەركىن مىللەتچى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا جىددىي مۇنازىرە قوزغالدى.

ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ كۆپ ئىكەن

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى 150 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ ياپونلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

ئىلھام مەخمۇتنىڭ قارىشىچە، ياپونىيىدە ھازىر خىتايدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئويلايدىغان ياپونلۇقلار كۆپەيمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت