ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 3 مىليوندەك ئادەم لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رازىلىق ئېلىش-ئالماسلىق مەسىلىسىدە ھېچقانداق تاللاش ئەركىنلىكى يوق ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشىغا قارىتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا.
مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى كانادا پارلامېنتىنىڭ كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى لېئو خيۇساكوس بىلەن تەن خاينو ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقىرىقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ساياھەت چەكلىمىسى ۋە مالىيە ئىمبارگوسى قويۇشى كېرەك ئىكەن.
قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى 6-دېكابىر كۈنى قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ سىياسى پاناھلىق سورىغان ئىككى نەپەر قازاق سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاچىسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنىر ئېلان قىلغان.