«خرىستىئان پوچتىسى» گېزىتى: «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرىدا، ئەمما دۇنيا يەنىلا سۈكۈتتە»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان «خرىستىئان پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر تورى بۈگۈن شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» يىغىنىدا قىلغان گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە كەڭرى ئورۇن بەردى.

«بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يىغىۋېلىش لاگېرىدا، ئەمما دۇنيا يەنىلا سۈكۈتتە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ خەۋەردە تاھىر ھامۇتنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىن نەقىللەر ئېلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي زۇلۇمىنىڭ رايوننى ئىشغال قىلىش بىلەن تەڭ باشلانغانلىقى، 2001‏-يىلدىكى «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن زۇلۇمنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، 2016‏-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر ساقچى دۆلىتى ۋە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى، نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئېنىقسىز ھالەتتە «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە نۆۋەتتە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، نەدە تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. 

مەزكۇر خەۋەردە يەنە شائىر ھامۇتنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىن جۈملىمۇ-جۈملە نەقىل ئېلىنىپ، نۆۋەتتە لاگېرغا كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ كېسىلى ۋە ئۆلۈمىدىن خەۋەر چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تىرىكلىكىدىن ئۇچۇر ئېلىنمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تاھىر ھامۇت سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا خۇدى ناتسىستلار ئۆتكەن ئەسىردە يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بارغاندەك بىر قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تاھىر ھامۇت ئالدىنقى كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى ئەھۋالىغا دۇنيا جامائىتىنىڭ يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار قارىتا زۇلۇمنىڭ يەنىمۇ قاتلىنىپ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرغان. 

مەزكۇر تور بەتنىڭ تونۇشتۇرۇش سەھىپىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «خرىستىئان پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر تورى 2004‏-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان ھالەتتە خرىستىئان دۇنياسىغا قارىتا خەلقئارالىق ئاخبارات مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت