بۇ يىل تارىم ئويمانلىقىدىن 21 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئېنېرگىيە دائىرىلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش مىقدارىنى يىلدىن يىلغا كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى توشۇش مىقدارى يىللاردىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان.

تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان تارىم نېفىتلىكىدىكى مەخسۇس خىتاينىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى 15 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بىر قانچە تەبىئىي گازلىقتىن بۇ يىل ئىچىدە 21 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز توشۇغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن ئېلىنىۋاتقان تەبىئىي گاز خىتاينىڭ 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى ۋە 3000 دىن ئارتۇق زاۋۇت-فابرىكىلىرىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر «غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش» گاز تۇرۇبىسى ئىشقا كىرىشكەن 14 يىل ئىچىدە تەبىئىي گاز ئېلىش ۋە توشۇش مىقدارى ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان شۇنىڭدەك بۇ يىل بولسا 14 يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن.

كۆپ يىللار ئۇيغۇر دىيارىدا شىركەت قۇرۇپ، تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر ئامېرىكىدا جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىندىكى بۇ ھەر خىل تەبىئىي بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى كۆپ يىللاردىن بۇيان قاتتىق نارازىلىق قوزغاپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى يىلىدىن تارتىپ تارىم ۋادىسىدىكى بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلىرىنىمۇ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى كۆپەيتىشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئاھالىسى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەنىلا گازسىز تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، تەمىنلەنگەن بۇ گازلار ئاساسلىقى ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ھەمدە بىر قانچە شەھەرلەرنى ئاساس قىلغان. گاز تۇرۇبىلىرى تېخى ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان جايلارغا تۇتاشتۇرۇلمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت