د ئۇ ق يۇقىرى سوتنىڭ كېلەر يىلى «3 خىل كۈچلەر» گە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت يېقىندا 3 دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە تېلېفون-تېلېۋىزور يىغىنى چاقىرىپ، كېلەر يىلى ئاساسلىق نىشاننى داۋاملىق «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «تېررورلۇق» نى باستۇرۇشقا قارىتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

لېكىن، د ئۇ ق يۇقىرى سوتنىڭ كېلەر يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەنقىد قىلدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت: بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سوتنى تېخىمۇ سىياسىيلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق مەسىلىنى ئادىل ھەل قىلىشقا نىيىتى يوقلۇقىنى كۆرسەتتى، دېدى.

19‏-دېكابىر چاقىرىلغان يىغىندا، مەھكىمە باشلىقى نەيىم ياسىن سوت مەھكىمىلىرىنى «زوراۋان تېررورلۇققا» قاتتىق زەربە بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرماي ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان.

مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى لى يوڭجېن بولسا، سوتچىلارنى مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان «ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردىن ھالقىغان ۋاسىتىلەر، قاتتىق قوللۇقتىن ھالقىغان تەدبىرلەر» نى قوللىنىش پىكرى چوڭقۇر چۈشىنىپ، مەركەزنىڭ بۇ يوليورۇقىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلىشقا ئۈندىگەن.

بىراق د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىقنى ئىستىسە، ئۆزىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت