تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئاخىرقى مەھبۇس شەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1989‏-يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغان ئاخىرقى سىياسىي مەھبۇس شەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىدىكەن.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ سانفرانسېسكو شەھىرىدىكى «دېئالوگ» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، كېيىنرەك قاماق جازاسى قىسقارتىلغان مياۋ دېشۈننىڭ ۋاقتى شەنبە كۈنى توشىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ 27 يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن «دېئالوگ» فوندى جەمئىيىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، مياۋ دېشۈن قويۇپ بېرىلسىمۇ، ئەمما ئۇ جىسمانىي ۋە روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغان. مياۋ دېشۈن بۇرۇن بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، ئۇ 89- يىلدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان شەخس ئەمەس.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى 1989‏-يىلى 4‏-ئىيۇن كېچىسىدىكى باستۇرۇشتا بىر سېۋەتكە ئوت قويۇپ، كۆيۈۋاتقان تانكىغا ئاتقان مياۋ دېشۈننى ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. 1991‏- يىلى ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەن ئىدى. بۇ يىل 51 ياشلىق مياۋ دېشۈن ھاياتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ ۋاقتىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن ھەم تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۇزۇن يىل ئۈزۈپ تاشلانغان.

مياۋ دېشۈننىڭ كامىرداشلىرىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، مياۋ دېشۈن ئۇنىڭغا ئارتىلغان «جىنايەتنى قوبۇل قىلىش، ئەمگەككە قاتنىشىش، تۆۋىنامىغا قول قويۇش، قايتا -تەربىيە»لەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ كامىردېشى ۋۇ ۋېنجيەن بىرلەشمە ئاگېنتلىرىغا قىلغان سۆزىدە، «ئۇنىڭ ھايات قېلىشى بىر مۆجىزە» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 4‏-ئىيۇن ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دە سوتلانغان سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت