خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنى 5G تورى بىلەن قاپلاپ بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-07-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 5G تور قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنى 5G تورى بىلەن قاپلاپ بولغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى تۆمۈر يول ئىدارىسى، خۇاڭخې سودا رايونى، دوستلۇق سودا رايونى، مىدوڭ سودا رايونى، شاۋشىگو سودا رايونى، ئايرودروم ۋە تەز سۈرئەتلىك پويىز يولى لىنىيىسىنىڭ ئىككى قاسنىقى قاتارلىق ئادەم ئېقىمى كۆپ رايونلار 5G تورى بىلەن قاپلىنىپ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا 5G قۇرۇلۇشىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇشقا كىرىشىپ، ئۇنىڭغا زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقان.

لېكىن 2017-يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ تور سۈرئىتىنى 2G غا چۈشۈرۈپ قويغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، 2019-يىلدىن باشلاپ رايوندا 5G قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دىيارىدا 5G تور قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە تېخىمۇ تېز نازارەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ قۇرۇلۇشقا 2 مىليارد سوم ئاجراتقانلىقى، بۇ يىل رايوندا 5 مىڭغا يېقىن 5G ئالاقە مۇنارى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسلىق رايونلاردا 2379 ئالاقە مۇنارى قۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 1861 ئالاقە مۇنارى بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلغانىكەن. ئۈرۈمچىدىكى ئالاقە مۇنارلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ «جۇڭگو كۆچمە تېلېفون شىركىتى» گە ھۆددىگە بېرىلگەن. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 5G تور قۇرۇلۇشى «جۇڭگو كۆچمە تېلېفون شىركىتى» قاتارلىق 3 خىتاي تور ئالاقە شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت