ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا 7 نى چەكلەش نىزامنامىسى ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىللىق قىشلىق تەتىلدىن ئىلگىرى يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەردە دىنىي ئېتىقادنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلەيدىغانلىقىنى ۋە بەلگىلىمىدىكى ماددىلارغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن تۋىتېردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، «پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن يېڭىدىن تۈزۈلگەن، رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ 7 نى چەكلەش نىزامنامىسى» نىڭ تولۇق مەزمۇنى ئېلان قىلىنغان.

7 ماددىلىق نىزامنامىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپلەردىكى مەمۇرى خىزمەتچىلەرگە قارىتىلغان قىسمىدا، دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشۋىق قىلماسلىق، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپلەرنى قىلماسلىق، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىدە بولماسلىق، خۇراپاتلىقنى تەشۋىق قىلماسلىق تەلەپ قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان قىسمىدا، ماركسىزملىق ئاتىزم تەربىيىسىنى رەت قىلماسلىق، دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي پائالىيەتتە بولماسلىق، دىنىي تۈستىكى كىيىم كىيمەسلىك، دىنىي كىتابلارنى ئوقۇماسلىق ۋە تارقاتماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپ ئىشلاردا بولماسلىق، مىللىي ئىناقلىققا ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە زىيانلىق سۆزلەرنى قىلماسلىق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتناشماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

تۋىتېر تورىدىكى نىزامنامە ھەققىدىكى ئىنكاسلاردا، خىتاي مائارىپ تارماقلىرى ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى نىزاملارنى ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنغان بۇ خىل بىۋاسىتە قاراتمىلىققا ئىگە نىزامنامىنى ئېلان قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت