«مۇھاپىزەتچى» گېزىتى: «خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى غەزەپلەندۈردى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى 90 پىرسەنت تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا داۋاملىق غۇلغۇلا قىلىنماقتا. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى شۆبىسى 1‏-ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى 90 پىرسەنت تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ لاگېردىكى 90 پىرسەنت تۇتقۇن قويۇپ بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىتا ئاۋسترالىيەدىكى 3000 دەك ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئۇلار «ئەگەر 90 پىرسەنت ئادەم قويۇپ بېرىلگەن بولسا، مېنىڭ تۇغقانلىرىم، مېنىڭ ئائىلەم، مېنىڭ دوستلىرىم قېنى» دېگەن سوئالنى قويۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئاۋسترالىيەدىكى نۇرگۈل ساۋۇت، فاتىمە ئابدۇغوپۇر، ئارسلان مىجىت ھىدايەت قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرى لاگېردىكى پائالىيەتچىلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، فاتىمە ئابدۇغوپۇرنىڭ «ئەگەر بۇ راست بولسا، مېنىڭ تۇغقانلىرىم قېنى، دادامنىڭ ۋە دوستلىرىمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى يوققۇ» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئارسلان مىجىت ھىدايەت بولسا شۆھرەت زاكىرنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ راست گەپ قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭ «90 پىرسەنت كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى» دېگىنى جازا لاگېرلىرىدىكى 90 پىرسەنت تۇتقۇننىڭ ئەمگەك لاگېرلىرىغا ياكى زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ لاگېردىكى قېينىئاتىسى، ئاتاقلىق كومېدىيە چولپىنى ئادىل مىجىتنىڭ تۈركىيەگە چىقىپ، ئۇلار بىلەن ياشىشىغا يول قۇيۇلمىغىچە، ئۇنى ئەركىنلىككە چىقتى، دەپ ھېسابلىمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت