سام بروۋنبەك: «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل خىتاينى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ يۇقىرى پەللىسى ب د ت باش شتابىدا چاقىرىلغان دىنىي ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش تېمىسىدىكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

«CNS خەۋەرلىرى» نىڭ 24-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەكمۇ يىغىن جەريانىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن بەكمۇ مەيۈسلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە ئالاھىدە قىلىپ «2019-يىلىنىڭ ئۆزىدە مىليونلىغان ئادەم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان تۇرسا سىز قانداقمۇ بۇنىڭدىن خاۋاتىرلەنمەي تۇرالايسىز؟» دېگەن.

ئۇ بۇ مەسىلىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر ئېغىز سۆز قىلماستىن جىم ئولتۇرۇۋېلىشى، يەنە كېلىپ خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىغا ئەزا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالقىشلاپ ئىمزالىق مەكتۇپقا ئىمزا قويۇشىنى مىسال قىلىپ «بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇشۇ ئىسلام ئەللىرىدىنمۇ بەكرەك غەم يەۋاتىمىز» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت