ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى 5G قۇرۇلۇشىغا ئىككى مىليارد سوم مەبلەغ سېلىنماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان 5G قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار دىيارىدىمۇ تېزدىن ئومۇملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي ئىككى مىليارد سوم (تەخمىنەن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 5G تور قۇرۇلۇشىغا لازىملىق ئالاقە مۇنارلىرىنى جىددىي كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇنارلارنىڭ جەمئىي سانى بەش مىڭغا يېقىنلىشىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 5G تورى ئۈچۈن كېرەكلىك ئالاقە مۇنارىنىڭ توك سەرپىياتى بەكلا يۇقىرى بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا لازىملىق توك مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى دۇنياغا مەلۇملۇق ساۋات ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە لاگېرلارغا قاماشقا تەتبىقلىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا بۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتا ئۆز گۇمانلىرىنى ئىپادىلىگەن مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بىرەر قۇرۇلۇشقا بۇنچە كۆپ مەبلەغ سالغان ئەمەس. شۈبھىسىزكى بۇ قېتىملىق قۇرۇلۇش نۆۋەتتىكى ساقچى دۆلىتى مېخانىزمى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت