«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار جەمئىيىتى» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىننى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار جەمئىيىتى» 10‏-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى، شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا، مەزكۇر ئورگان «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ قولغا ئېلىنغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» ئەسكەرتىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرىنى پروفېسسور جالالىدىننى دەرھال قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا سەمىمىيلىك بىلەن چاقىرىمىز» دېيىلگەن.

رادىيومىز يېقىندا ساقچىلارنىڭ بۇ يىل 29-يانۋار كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى. بەزى يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ياكى قولغا ئېلىنغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىپ باقمىغان ئىدى.

«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار جەمئىيىتى» باياناتىدا، «ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ قولغا ئېلىنىشى ياكى تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017‏-يىلى 1‏-ئايدىن باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە كىشىلەرنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ۋاڭ يى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەئىد رائاد ئەل ھۆسەيىنلەرگە ئېلخەت ئەۋەتىپ، فاكس سېلىپ ياكى خەت يېزىپ، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان ھەرقانداق ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا، ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنى، ئۇنىڭغا ئارتىلغان ئەيىبلەشنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. بەزى ئۇچۇرلاردا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۈرۈمچىنىڭ مىدوڭ رايونىدىكى بىر «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت